چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 30 يىللىق ئۇرۇش ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى كېنەزلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى فېئودال ئىچكى ئۇرۇش ئىدى. كېيىن بۇ ئۇرۇشقا غەربىي يارۋرۇپادىكى ۋە شىمالىي ياۋرۇپادىكى بەزى غوللۇق دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارىلىشىپ قالغاچقا، ياۋرۇپا بويىچە تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئۆزگىرىپ كەتتى. پۈتكۈل ئۇرۇش 30 يىل داۋاملاشقان بولغاچقا، تارىختا «30 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :30 يىللىق ئۇرۇش

خەنزۇچە ئاتىلىشى :三十年战争

باش قوماندان :古斯塔夫二世,斐迪南二世、华伦斯坦、孔代亲王等

باشقا ئاتىلىشى :ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش

ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار :شۋىتسىيە، بوخېمىيە، دانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، شوتلاندىيە، ئەنگىلىيە، ساكسون، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، باۋارىيە

ئورنى :پۈتكۈل ياۋروپا (مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى بارلىققا كەلگەن)

ۋاقتى :1618-يىلى __ 1648-يىلى

نەتىجىسى :ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان

تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى

5پارچە30 يىللىق ئۇرۇشگېرمانىيەدە دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت بىر-بىرگە دۈشمەن ئىككى چوڭ كېنەزلەر گۇرۇھى پەيدا بولدى. ئىككى تەرەپ كۆرۈنۈشتە دىنى مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى گۇرۇھ ئۆزى دەۋران سۈرۈش خىيالىدا ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇھ بىر-بىرىگە تىغمۇ تىغ قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېغىر توقۇنۇش مەۋجۇت ئىدى. ھالبۇكى، ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەرمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىققانىدى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏