چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1989-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 44-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك قارارىدا ماقۇللاپ، 1994-يىلىنى خەلقئارا ئائىلە يىلى قىلىپ بىكىتتى، 1993- يىلى نيۇيورك ئالاھىدە يىغىنىدا 1994-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىنى خەلقئارا ئائىلە كۈنى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە جامائەتنىڭ ئائىلە مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى بۇ ئاساسىي بىرلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :خەلقئارا ئائىلە كۈنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :国际家庭日

ۋاقتى :ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

چەتئەلچە نامى :International Family Day

بايرام تىپى :ئەنئەنىۋى بايرام

قۇرۇش مەقسىتى 

4پارچەخەلقئارا ئائىلە كۈنىھەر يىلى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» دە بىر پائالىيەت ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ. بۇلتۇرقى ئاساسىي تېما «ئاتا ۋە ئائىلە: مەسئۇلىيەت ۋە خىرىس» بولۇپ، بۇ يىلقى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» دە ئائىلىدە ئانىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش بولدى. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ «ھۈجەيرىسى»، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئانا ئائىلىدە مىسلىسىز رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئانىنىڭ دۇچ كەلگەن خىرىسىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىدىغان ئاياللار خىزمەت بېسىمىدىن باشقا يەنە ئائىلىدە ئانا ۋە خوتۇننىڭ رولىنى ياخشى ئويناۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە، كەسىپ بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇرغۇن ئانا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بۇ يىلقى خەلقئارا ئائىلە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ : بىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇپ، خىلمۇ خىل خرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنى بېقىپ تەربىيىلەشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمەيدۇ دېدى. بان كىمون ئانىلارنى ياخشى داۋالىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئازايتىش ھەم تەربىيىنى يولغا قويۇش، ئائىلىگە پايدىلىق سىياسەت تۈزۈش، ئەر–ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏