چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوللىۋود ئارتىسى سەيىف ئەلى خاننىڭ ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى، ئۇ 1970-يىلى يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، سەيىف ئەلى خان ناھايىتى ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى 16-ئەسىردە ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا كەلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :سەيىف ئەلى خان

ئەسلى ئىسمى :ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1970-يىلى

شەخسى ئارخىپ

سەيىف ئەلى خانبوللىۋود ئارتىسى سەيىف ئەلى خاننىڭ ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى، ئۇ 1970-يىلى يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، سەيىف ئەلى خان ناھايىتى ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى 16-ئەسىردە ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا كەلگەن، 1805-يىلى بىرتانىيە شەرقىي ھىندسىتان شىركىتى پاتاۋدى مەمۇرى شىىتاتىنى قۇرغاندا سەيىف ئەلى خاننىڭ 10-بوۋىسى فايىز تالاب خان بۇ شىتاتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد باشلىقى يەنى ناۋابى بولغان.

 سەيىف ئەلى خاننىڭ بوۋىسى ئىفتىخار، دادىسى مەنسور ھىندىستان دۆلەتلىك پالاق كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مەنسور پاتاۋدى يەنە 1971-يىلىغىچە پاتاۋدىنىڭ ناۋابى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1971-يىلى بۇ مەنسەپ ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سىمىۋوللۇق نام ئاتاق قالغان، 2011-يىلى مەنسور پاتاۋدى قازا قىلغاندىن كېيىن سەيىف ئەلى خان بۇ نامغا ۋارىسلىق قىلغان.

سەيىف ئەلى خاننىڭ ئاپىسى 60-يىللاردىكى داڭلىق ئارتىس شارمىلا تاگور، شارمىلا تاگور نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇلۇغ ئەدىب رابىندرانات تاگور بىلەن بىر جەمەتتىن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏