چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇلان دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندۇر. ئۇنىڭ تېرىسىدىن داڭلىق دورا قارا يېلىم ياسىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ خۇرۇم قىلىشقا، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىزاڭ ياۋا ئېشىكى

خەنزۇچە نامى :西藏野驴

باشقا ئاتىلىشى :قۇلان، ياۋا ئېشەك، تىبەت قۇلىنى

چەتئەلچە ئاتىلىشى :Kiang

تۈركۈمى :تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

ئائىلىسى :ئات ئائىلىسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپىغا تەۋە

كەنجى تۈرى :ئۈچ كەنجى تۈرى

سىرتقى شەكىلى

ياۋا ئېشەكتىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى قانداش تۈرلەردۇر. تىبەت قۇلىنىنىڭ بېشى قىسقا، كەڭرەك بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بېشىدىن سەل چوڭ كۆرۈنىدۇ. قۇلىقى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئۇچى سەل ئۇچلۇق بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنى سېلىشتۇرغاندا، تىبەت قۇلىنى جۇڭغار قۇلىنىدىن سەل چوڭراق، قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. رەڭگى جەھەتتىن تىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى روشەن پەرقلىنىدۇ. يايلى قىسقا ھەم تىك بولۇپ، تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىدا ئۇزۇن قىل تۈكلىرى بولمايدۇ. قۇيرۇقىنىڭ 1/3 قىسمىدا ئۇزۇن ھەم يىرىك قىل تۈكلەر بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. ئالدى ئىككى تۇيىقى يۇمىلاق، كەينى ئىككى تۇيىقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سەل ئېگىز بولىدۇ . ئالدى ئىككى پاقالچىقىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ياپىلاق ھالەتتىكى قاتتىق قاداق تەڭگىچىسى بولىدۇ.

 تېنىنىڭ ئۈستى قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە ، تېنىنىڭ ئاستى، تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. دۈمبە قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى ناھايىتى روشەن پەرق قىلىدۇ.

 مۈرىسىدىن قۇيرۇقىغىچە قارا رەڭلىك ئۇزۇن ئوتتۇرا بۆلگۈچ سىزىقى (بەل ئومۇرتقا سىزىقى) بولۇپ، بۇ سىزىق جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بەل ئومۇرتقا سىزىقىدىن سەل كەڭرەك بولىدۇ. تۇمشۇقى ئاق، كۆزى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلىقىنىڭ ئۇچى ۋە چۆرىسىدىكى تۈكلىرى قارا رەڭدە، ئىچىدىكى تۈكلىرى قېنىق ئاق رەڭدە بولىدۇ. تۆت پۇتىنىڭ تاشقى قىسمىنىڭ رەڭگى دۈمبىسىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن دۈمبىسىنىڭكىدىن سەل سۇسراق بولىدۇ. تۈكنىڭ قويۇقلۇقى جەھەتتە تىبەت قۇلىنىنىڭ تۈكى جۇڭغار قۇلىنىنىڭ تۈكىدىن قويۇق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏