چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارىماققا ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۆي مۈشۈكىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. سۈلەيسۈن يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋان بولۇپ، ئاساسەن ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇزۇن بولغاچقا، ئېگىز قارلىق تاغلاردىمۇ ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۈلەيسۈن

خەنزۇچە نامى :猞猁

چەتئەلچە نامى :Eurasian lynx

تەۋە تۈرى :يىرتقۇچ ھايۋان

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخور

ئۇرۇقدېشى :سۈلەيسۈن

سىرتقى شەكىلى

سۈلەيسۈن

 قارىماققا ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۆي مۈشۈكىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90–130 سانتىمېتىر، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 60–70 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 –30 سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 10–19 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇنىڭ تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قۇيرۇقى قىسقا، لېكىن توم، ئۇچىنى پالتا بىلەن چېپىۋەتكەندەك كالتە بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى قارا بولىدۇ. تۆت پۇتى ئۇزۇن، ئالدى– ئارقا پۇتلىرى تەڭ بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك، قۇلىقىنىڭ تۈۋى كەڭ، ئۇچى تار ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ. ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن ئانتېنناغا ئوخشاش قارا قىل تۈكچىلەر بولۇپ، قۇلىقىنىڭ سىرتقى تەرىپى ۋە چۆرىسى قارا رەڭدە بولىدۇ. قورساق قىسمىدا ئۇزۇن ئاق تۈكچىلەر بولىدۇ. پۇت پەنجىلىرى ياپىلاق بولىدۇ. كۆكرەك قىسمى ئاقۇچ كېلىدۇ، بۇرنى ئەتراپىدا سەزگۈ بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ. كۆز ئەتراپى ئاقۇچ، كالپۇك ئەتراپى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏