چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياۋا تۆگە دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ، قارىماققا ئۆي تۆگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، ياۋا تۆگە پۈتۈنلەي بىرلا خىل رەڭدە بولىدۇ . ياۋا تۆگىنىڭ پۈتۈن تېنىنى تۈك–تىۋىتلەر قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ، لېكىن تۈكلىرى ئۆي تۆگىسىنىڭ تۈكلىرىدىن قىسقا بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ياۋا تۆگە

باشقا ئاتىلىشى :قوش لوككىلىق ياۋا تۆگە

خەنزۇچە نامى :野骆驼

چەتئەلچە نامى :Bactrian Camel

لاتىنچە نامى :Camelus ferus

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

كەنجى ئائىلىسى :سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

چەتئەلچە نامى :Bactrian Camel

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار

ئائىلىسى :تۆگە ئائىلىسى

تۈرى :ياۋا تۆگە

سىرتقى شەكىلى

8پارچەياۋا تۆگە

ياۋا تۆگە قارىماققا ئۆي تۆگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ياۋا تۆگە پۈتۈنلەي بىرلا خىل رەڭدە بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ پۈتۈن تېنىنى تۈك–تىۋىتلەر قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ، لېكىن تۈكلىرى ئۆي تۆگىسىنىڭ تۈكلىرىدىن قىسقا بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ تېنى يوغان بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئەتراپىدا، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.8–2.2 مېتىر كېلىدۇ. قۇلىقى قىسقىراق بولۇپ، 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

 قۇيرۇقى بەدىنىگە نىسبەتەن قىسقا بولۇپ 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بوينى ئەگرى، ئۈستۈنكى كالپۇكى يېرىلغان بولۇپ، توشقاننىڭ كالپۇكىغا ئوخشايدۇ، پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە بولىدۇ. ئۆي تۆگىلىرىنىڭ پۇتى توم ھەم قىسقىراق بولىدۇ.

 دۈمبىسىدە ئىككى ھۈررىكى بولۇپ، ئۆركىشى ياكى لوككىسى دەپ ئاتىلىدۇ. لوككىسى كىچىكرەك، لوككا ئارىلىقى تارراق بولىدۇ. ئۆي تۆگىلىرىنىڭ لوككىسى يوغان بولۇپ، لوككا ئارىلىقى كەڭرەك بولىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، ياۋا تۆگىنىڭ لوككىسى پاكار، ئۆي تۆگىسىنىڭ لوككىسى ئېگىز كۆرۈنىدۇ . ئادەتتە سېمىز تۆگىلەرنىڭ لوككىسى تىك بولىدۇ، ئورۇق تۆگىلەرنىڭ لوككىسى ياتقان (سالپايغان) ھالەتتە بولىدۇ. ياۋا تۆگىنىڭ ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياپىلاق قاداق تەنچىسى بولمايدۇ. تاپىنى كىچىكرەك (تارراق) ھەم يۇمشاق بولىدۇ. بۇرۇن تۆشۈكى ئىچىدە ئېچىلىپ يېپىلىدىغان پەردىسى بولۇپ، بۇرنىغا قۇم – توزانلارنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏