چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قاما ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سۇدا ئۆتكۈزىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ، كىچىك كۆللەردە، تاغ ئېقىنلىرىدىن ھاسىل بولغان كىچىك كۆللەردە، سۇ ئامبارلىرىدا، بولۇپمۇ سۈيى ئاستا ئاقىدىغان، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولمىغان سۈزۈك سۇلاردا، بېلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولغان سۇلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :قاما

باشقا ئاتىلىشى :سۇ ئىتى، چوڭ سۇ چاشقىنى،

خەنزۇچە ئاتىلىشى :水獭

لاتىنچە ئاتىلىشى :Lutra lutra

چەتئەلچە ئاتىلىشى :Eurasian River Otter

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار ئەتىرىتى

ئائىلىسى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

سىرتقى شەكىلى

قاما (سۇ چاشقىنى)تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ، كۆزى كىچىك، قۇلىقى كىچىك ھەم ياپىلاق بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى50-80سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30-50سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 5–10 كىلوگرام كېلىدۇ. تۇمشۇقى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ھالەتتە بولىدۇ. 

 بەدەن تۈكلىرى قىسقا، قويۇق بولۇپ، رەڭگى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ھەم ناھايىتى پارقىرايدۇ. تېنىنىڭ ئۈستىنىڭ رەڭگى قېنىق، ئاستىنىڭ رەڭگى سۇسراق بولىدۇ. تۇمشۇقىدا ئۇزۇن، قارا بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ. بويۇن ئاستى قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى سەل قىزغۇچ بولىدۇ. بەدەن تۈركلىرىنىڭ ئاستى قىسمى سەل ئاقۇچ كېلىدۇ، باش سۆڭىكى سەل كەڭرەك ھەم ياپىلاق كېلىدۇ. چىش فورمۇلىسى 36=2.3.1.3/1.4.3.1 بولىدۇ.بۇرۇن، قۇلاق تۆشۈكچىلىرىدە ياغاقچە پەردىلىرى بولۇپ، ئۇ سۇغا كىرگەندە ئېتىلىپ قېلىپ بۇرنى ۋە قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆت پۇتى قىسقا، دىقماق بولىدۇ. بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ياغاق پەردىلىرى بولىدۇ.

تىرناقلىرى ياپىلاق ھەم ئىلمەكلەشكەن بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى قىسمى ئىنچىكە، تۈۋى قىسمى توم بولىدۇ. ئادەتتە قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن %50 ىگە توغرا كېلىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏