چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۆرە بورسۇق ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، چوڭلۇقى ئادەتتە تۈلكىچىلىك كېلىدۇ. تېنى چوڭ، بېشى يوغان، قۇلىقى كىچىك، پۇتلىرى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرىدىن يوغان ھەم توم كېلىدۇ.بۆرە بورسۇق دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :بۆرە بورسۇق

باشقا ئاتىلىشى :ئېيىقسىمان بۇلغۇن، بۇلغۇن ئېيىق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :貂熊

لاتىنچە ئاتىلىشى :Gulo gulo Linnaeus

ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى :WOLVERINE

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقى يىرتقۇچلار سىنىپى

ئائىلىسى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بۆرە بورسۇق

سىرتقى شەكىلى

17پارچەبۆرە بورسۇق

بۆرە بورسۇق ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، چوڭلۇقى ئادەتتە تۈلكىچىلىك كېلىدۇ، تېنى چوڭ، بېشى يوغان، قۇلىقى كىچىك، پۇتلىرى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرىدىن يوغان ھەم توم كېلىدۇ، پۇتىدا بەش بارمىقى بولۇپ، بەش بارمىقىدا ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ.

 قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا، لېكىن قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يېتىلگەنلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 13–15 كىلوگرام، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70–90 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 30–40 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى15–20 سانتىمېتىر بولۇپ، قۇلىقى ياپىلاق، قىسقا بولىدۇ، چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر، تاپىنى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا قېلىن بولىدۇ، تەن تۈكلىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، تىۋىتلىرى كۈل رەڭگە مايىل بولىدۇ.

 دۈمبىسىنىڭ رەڭگى قېنىقراق، كۆكرەك قىسمىدا ئاق داغلار بولىدۇ، ئادەتتە چىشىلىرى ئەركىكىدىن كىچىكرەك بولىدۇ، دۈمبىسىدە بېشىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە ئۇزۇن سوزۇلغان كۈل رەڭ يول سىزىقچىسى بولىدۇ، تەن تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، بولۇپمۇ كەينى ئىككى پۇتىنىڭ تۈكلىرى ۋە يان تۈكلىرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، باش قىسمىنىڭ تۈكلىرى قىسقا بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏