چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارا بۇلغۇن ئاغمىخانلار ئائىلىسىدىكى گۆشخور ھايۋان بولۇپ تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 530–1050 گرام، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30–50 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12–16 سانتىمېتىر بولىدۇ.قارا بۇلغۇن دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :قارا بۇلغۇن

باشقا ئاتىلىشى :قىزىل بۇلغۇن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :黑貂،紫貂

لاتىنچە ئاتىلىشى :Martes zibellina

ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى :Sable,Japanese Sable

تەۋەلىكى :ھاۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپىغا تەۋە

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :18 خىل

ئۇرۇقدېشى :سۇسەر

سىرتقى شەكىلى

قارا بۇلغۇن

قارا بۇلغۇننىڭ تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئەركىكى چىشىسىدىن چوڭ بولىدۇ. تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 530–1050 گرام، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30–50 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12–16 سانتىمېتىر بولىدۇ. قۇلىقى چوڭ بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3/1 گە توغرا كېلىدۇ.

 قۇيرۇق تۈكلىرى كۆپۈپ تۇرىدۇ، پۇتلىرى قىسقا، ئەمما كۈچلۈك، بارمىقى بەش بولۇپ، ھەربىر بارمىقىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ.

 قىش پەسلىدە بارماقلىرىنى تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. بەدەن تۈكلىرى قويۇق، تىۋىتلىرى قېلىن بولىدۇ. پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. باش قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس بولۇپ، كۈل رەڭگە مايىل كېلىدۇ. بوغۇز قىسمىدا سېرىق ياكى سۇس سېرىق ئالىسى بولىدۇ. بەزىلىرىدە بۇ داغلار ئانچە روشەن بولمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏