چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قوڭۇر ئېيىق دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.6–2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 200-300 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :قۇڭۇر ئېيىق

باشقا ئاتىلىشى :ئادەم ئېيىق، كۈل رەڭ ئېيىق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :棕熊

لاتىنچە ئاتىلىشى :Ursus arctos

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

تۈركۈمى :گۆشخور ھايۋانلار تۈركۈمى

ئۇرۇقدىشى :ئېيىق

كەنجى تۈرى :20 خىل

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

سىرتقى شەكىلى

قۇڭۇر ئېيىق

قۇڭۇر ئېيىق چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.6–2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 200-300 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بېشى دۈگىلەك ھەم ياپىلاق بولۇپ، تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كىچىكرەك. تۇمشۇقى ئۇزۇن، مۈرىسى سەل چوقچىيىپ چىققان، قۇلىقى كىچىك بولۇپ، تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىدىن ئۇزۇن بولغاچقا، ئالدى تەرىپى ئېگىز، ئارقا تەرىپى پەس كۆرۈنىدۇ. پۇتلىرى توم ھەم يوغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك.

 ھەربىر پۇتىدا بەش بارمىقى، ھەربىر بارمىقىدا سەل ئىلمەكلەشكەن ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، تىرناقلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، تاپىنى قېلىن گۆشلەشكەن بولىدۇ. ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرى ئارقا ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرىدىن ئۇزۇن، مەزمۇت بولىدۇ. 

قوڭۇر ئېيىقنىڭ پۈتۈن بەدىنى قوڭۇر رەڭدە، باش قىسمىمۇ قوڭۇر رەڭدە، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى تېنىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ رەڭگىدىن سۇسراق بولىدۇ. پۇتلىرىنىڭ تۈكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. يېتىلگەنلىرىنىڭ كۆكرىكىدە ئاق يول-يول سىزىقچىلار بولمايدۇ. بويۇن ئاستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى باشقا قىسىملىرىنىڭ تۈكلىرىدىن سەل ئۇزۇن بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏