چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تىبەت قوڭۇر ئېيىقى يەنە ئالا ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىبەت قوڭۇر ئېيىقى چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان، سوغۇق ئوتلاقلاردا، يېرىم چۆل ئوتلاقلىرىدا ياشايدىغان بۇلۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :تىبەت قوڭۇر ئېيىقى

باشقا ئاتىلىشى :ئاتباش ئېيىق، تىبەت ئېيىقى، ئالا ئېيىق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :西藏棕熊

لاتىنچە لاتىلىشى :Ursus arctos pruinosus

ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى :Horse bear

ئائىلىسى :ئېيىق ئائىلىسى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

كەنجى ئائىلىسى :ئېيىق كەنجى ئائىلىسى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

ئۇرۇقدىشى :ئېيىق

تۈركۈمى :گۆشخور ھايۋانلار تۈركۈمى

سىرتقى شەكىلى

ئالا ئېيىق (تىبەت قوڭۇر ئېيىقى)

چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان، ئەمما قوڭۇر ئېيىقتىن سەل كىچىك، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.3 مېتىر ئەتراپىدا، تەن ئېغىرلىقى 150–170 كىلوگرام كېلىدۇ. مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى روشەن، ئالدى پۇتى كەينى پۇتىدىن ئۇزۇن، قۇيرۇقى ئىنتايىن قىسقا، پۇتلىرى قوڭۇر ئېيىقنىڭكىدىن توم ۋە قىسقىراق بولىدۇ. 

پۇتىدا بەش بارمىقى، ھەربىر بارمىقىدا تۈز ھالەتتىكى ئاقۇچ تىرناقلىرى بولىدۇ. پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سېرىق بىلەن قارا ئارىلاشقان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. بېشى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلىقى ئەتراپىدىكى تۈكلىرى سەل ئۇزۇن بولۇپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. كۆكرىكىدە يوغان ئاق بەلۋاغسىمان تۈكلىرى بولىدۇ. 

بۇ بەلۋاغسىمان تۈكلىرى مۈرىسىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى بىر ئاق چەمبىرەك ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئالا ئېيىق قوڭۇر ئېيىقنىڭ قېرىنداش تۈرى، شۇنداقلا قوڭۇر ئېيىقنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئېگىز تاغنىڭ سوغۇق ھاۋا كىلىماتىغا ماسلاشقان بىر تۈرىدۇر. ئۇنىڭ قوڭۇر ئېيىق بىلەن بولغان روشەن پەرقى تېنى كىچىك، تىرنىقى قىسقا، تۈز ھەم ئاقۇچ، بوينىدا چوڭ ئاق ئالىسى بولىدۇ. ئالا ئېيىققا 1854– يىلى نام بېرىلگەن بولۇپ، بەزى زوئولوگلار ئۇنى قوڭۇر ئېيىقنىڭ بىر كەنجى تۈرى دەپ قارايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏