چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى راجىۋ ھارى ئوم باتىيا، ئۇ 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىدە ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ئويۇن قويۇشتا بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناشتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. بىر مەزگىل تايلاندتا تۇرغان، بومبايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە بۇ ساھەدە تېزلا تونۇلغان، بۇ داۋامدا ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە ئۇسسۇلچى بولغان. كېيىن ئارتىسلىق تالانتى بىلەن ھازىرقى داڭلىق چولپان بولۇپ چىققان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاكشاي كۇمار

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿克谢·库玛尔

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

يۇرتى :ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى

شەخس ئانتىكى

بولللىۋود كىنو چولپىنى ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى راجىۋ ھارى ئوم باتىيا، ئۇ 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىدە ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاكشاي كۇمار ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ئويۇن قويۇشتا بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناشتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇشىنى تاشلاپ تايلاندقا بېرىپ مەخسۇس تەيچۈەن گۇمپىسى ئۆگەنگەن، بۇ داۋامدا كۈتكۈچى، ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن. بومبايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گۇمپا ئۆگىتىش بىلەن جان باققان.

 كېيىن بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە بۇ ساھەدە تېزلا تونۇلغان، بۇ داۋامدا ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە ئۇسسۇلچى بولغان.

 1992-يىلى بىر كۈنى ئۇ باڭگالورغا بېرىپ ئېلان ئىشلەيدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق مودېل بولۇشىدىن گۇمانلىنىپ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ بىر فىلىم ستودىيەسىگە بارغان، شۇ ئاخشىمىلا بىر فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇنى فىلىمدە باش رول ئېلىشقا تاللىغان، بۇ فىلىمدە يەنە كەرىشما كاپور باش رول ئالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏