چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دوختۇرخانا بولسا كىشىلەرگە تىببى داۋالاش، تىببى پەرۋىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىببى ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. مۇلازىمەت ئوبىكتى ئاغرىق ۋە يارىدارلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، يەنە ئالاھىدە فىزىلوگىيەلىك ھالەتتىكى كىشلەر(ھامىلدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار) ۋە ساغلام كىشىلەر (ئاساسەن بەدەن تەكشۇرۇش، چىش تازىلىتىش) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوختۇرخانىدا ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم ۋە تىببى تەكشۈرۈش بۆلۈملىرى بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :دوختۇرخانا

خەنزۇچە :医院

ئىنگىلىزچە :hospital

باشقىچە نامى :شىپاخانا

نىشانى :يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، كېسەل داۋالاش

تۈرى :داۋالاش ئورگىنى

تارىخى

4پارچەتارىخىئومۇملاشقان قاراشتا دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى دوختۇرخانا شوتلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىتېسئو سەير دەپ قارتىلىدۇ، بۇ دوختۇرخانا رىم ئارمىيەسى ئىشغال قىلغان دەۋردە قۇرۇلغان بولۇپ، 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. دوختۇرخانا ئىمارەت ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر، يەر ئاستى مۇكەممەل يەر ئاستى سۇ يولى سىستېمىسى بار، ھەربىر ئېغىز كېسەلخانا كارىدور بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىناكاركارلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىنى ئايرىپ داۋالاشنى بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏