چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىدا 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ماقۇللىنىپ، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国禁毒法

ماقۇللانغان ۋاقتى :2007-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2008-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2008-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى

ئاساسىي مەزمۇنى

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

 1-ماددا بۇ قانۇن زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى قوغداش، ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىغان زەھەر ئەپيۈن، خېروئىن، مېتىلامفېتامىن (كىرىستال زەھەر)، مورفىن، نەشە، كوكائىن ھەمدە دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا زەھەر چەكلەش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلار دىكى بەلگىلىمە بويىچە زەھەر چەكلەش مەسئۇلىيىتى ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. 

4-ماددا زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ياساشنى چەكلەش، ئېلىپ-سېتىشنى چەكلەش، چېكىشنى چەكلەشنى تەڭ تۇتۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ. زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر كەڭ قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ. 

5-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشكىللەيدىغان، ماسلاشتۇردىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى قۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تەشكىللەيدىغان، ماسلاشتۇرىدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان زەھەر چەكلەش كومىتېتى قۇرسا بولىدۇ. 

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى خەلىق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈشى ھەمدە زەھەر چەكلەش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. 

7-ماددا دۆلەت جەمئىيەتنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ئىئانە-ھەدىيە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ. 8-ماددا دۆلەت زەھەر چەكلەش جەھەتتىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، زەھەر تەشكۈرۈشكە دائىر ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە زەھەر تاشلىتىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىدۇ. 

9-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشغا ئىلھام بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلغۇچىنى قوغدىشى، پاش قىلىشتا خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك. 

10-ماددا دۆلەت پىدائىيلارنىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىگە ۋە زەھەر تاشلىتىش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىدائىيلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلىشى ھەمدە زۆرۈر خىزمەت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. 

ئىككىنچى باب زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسى 

11-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىق- تەربىيىسىنى خىلمۇ-خىل ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ، ئاڭلىق ھالدا زەھەر توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. دۆلەت پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ زەھەر چەكلەش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى تەشۋىق-تەربىيىنى دائىم ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. 

12-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەشكە ئائىت كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق-تەربىيىنى دائىم ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىنى تەشكىللىشى كېرەك. 

13-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىق- تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ھەمكارلىشىشى كېرەك. 

14-ماددا ئاخبارات، نەشىرىيات، مەدىنىيەت، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار چەمئىيەتتە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

15-ماددا ئايرودروم، ۋوگزال، گاراژ، پرېستان شۇنىڭدەك ساراي، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق ئاممىۋې سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىسى شۇ سورۇننىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىگە مەسئۇل بولۇپ، زەھەر چەكلەش مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، شۇ سورۇندا زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

16-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار شۇ ئورۇندىكىلەرگە بولغان زەھەر چەكلەش تەشۋىق –تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى لازىم. 

17-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى خەلىق ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش موداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. 

18-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرنىڭ زىينى ھەققىدە تەربىيە بېرىش، ئۇلارنىڭ زەھەرنى چېكىشى، ئوكۇل قىلىپ سېلىشى ياكى زەھەرگە دائىر باشقا جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 

ئۈچىنچى باب زەھەر تىزگىنلەش 

19-ماددا دۆلەت ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشنى تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن زەھەر چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىشنى مەنئىي قىلىدۇ. بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان زەھەر ئۆسۈملۈكى ئۇرۇقىنى ياكى مايسىسىنى ئەتكەسچىلىك قىلىش ياكى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، تۇشۇش، ئېلىپ يۇرۇش ۋە ئىلكىدە تۇتۇشنى مەنئىي قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنى سەزگەن ھامان تەدبىر قوللىنىپ چەكلىشى ۋە يۇلۇۋېتىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتى قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنى سەزگەندە، ۋاقتىدا چەكلىشى ۋە يۇلۇۋېتىشى ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

20-ماددا دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىلار ناركوز ئۆسۈملۈكلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىشى شەرت. دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىنىڭ ئايرىش، پىششىقلاش سورۇنى شۇنىڭدەك دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىسى ئامبىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قاراۋۇللۇق نىشانى قىلىنىدۇ. دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۇملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىنىڭ ئايرىش، پىششىقلاش سورۇنى شۇنىڭدەك دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىسى ئامبىرى قاتارلىق قاراۋۇللۇق رايونىغا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىر گەنلەرنى قاراۋۇللار دەرھال چىقىپ كېتىشكە بۇرۇيدۇ؛ چىقىپ كېتىشكە ئۇنىمىغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىدۇ. 

21-ماددا دۆلەت ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تىزگىنلەيدۇ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇشتا ئىجازەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، سېتىۋېلىش، تۇشۇشتا ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىشلەش، ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ساقلاش، بېرىش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

22-ماددا دۆلەت ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بويۇملارنىڭ ئىمپورت-ئىكىسپورتىدا ئىجازەت تۈزىمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن، ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ. ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. 

23-ماددا ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار ئوغرىلانغان، بۇلانغان يوقاپ كەتكەن ياكى باشقا قانۇنسىز تەرەپكە كېتىپ قالغان بولسا، دېلو يۈز بەرگەن ئورۇن دەرھال زۈرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ياكى ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بويۇملارنىڭ قانۇنسىز تەرەپكە كېتىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنغا زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. دورا نازارەتچىلىك تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك. 

24-ماددا ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خمىيىلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگەتكەنلىك مەلۇمەتىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى ئۇنى سەزگەن ھامان قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

25-ماددا ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ. 

26-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگىرا رايۇن، مۇھىم قاتناش يولى، پورت، ئايرودروم، ۋوگزال، گاراژ ۋە پىرېستاندا ئۆتىدىغان ئادەم، بۇيۇملار، ماللار ۋە قاتناش قۇراللىرىدا زەھەر ۋە زەھەر ياسغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمنى تەكشۈرسە بولىدۇ. پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى، تۆمۈريول، قاتناش تارماقلىرى ماسلىشىشى كېرەك. تامۇژنا پورتتىن ئۆتىدىغان ئادەم، بۇيۇم، مال ۋە تىرانسپورت قۇرالنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، زەھەر ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇم ئەتكەسچىللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پوچتا كارخانلىرى پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، زەھەرنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى پوچتىدىن قانۇنسىز ئەۋەتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 

27-ماددا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى چارلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سەزگەن ھامان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

28-ماددا قانۇن بويىچە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرنى ۋە زەھەرنى چېكىدىغان، ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان سايماننى، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە پايدىسىنى شۇنىڭدەك زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاستە ئىشلىتىلگەن، شۇ كىشىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان سايمان، ئۈسكۈنە، مەبلەغنى يىغىۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

29-ماددا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرغۇچى مەمۇرىي مەسئۇل تارماق گۇمانىي زەھەر جىنايىتى مەبلىغىنى كۆزىتىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرغۇچى مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشتا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق ۋە ئاپپارات زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق مەبلەغنىڭ ئوبوروت ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان تەھقىقلىگۈچى ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك. 

30-ماددا دۆلەت زەھەر كۆزىتىش ۋە زەھەر چەكلەش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر كۆزىتىش ۋە زەھەر چەكلەشكە دائىر ئۇچۇرنى يىغىش، تەھلىل قىلىش، پايدىلىنىش، ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 

تۆتىنچى باب زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى 

31-ماددا دۆلەت ھەر خىل تەدبىر قوللىنىپ زەھەر چەككۈچىلەرگە تەربىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار داۋالىنىپ زەھەر تاشلىشى كېرەك. زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، دورا نازارەتچىلىك تارمىقى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارمىقى چىقىرىدۇ. 

32-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر چەكتى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈلگۈچى ماسلىشىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مەجبۇرىي تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر چەككۈچىلەرنى تىزىملىتىش كېرەك. 

33-ماددا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەھەللىدە زەھەر تاشلاشقا بويرۇسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەھەر چەككۈچى نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىشى مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ. زەھەر تاشلايدىغانلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا ھازىر تۇرۇشلۇق جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بارلار ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىدە زەھەر تاشلىسا بولىدۇ. 

34-ماددا شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازار خەلق ھۆكۈمىتى زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئالاقىدار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارنى زەھەر تاشلايدىغانلار بىلەن مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمى تۈزۈپ، مەھەلىنىڭ زەھەر تاشلىتىش تەدبىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بېكىتسە بولىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش كېرەك. زەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازار خەلىق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى زەھەر تاشلايدىغانلاردىن ئىشسىز ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلىرىنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا ياردەم بېرىشى كېرەك. 

35-ماددا مەھللىدە زەھەر تاشلايدىغانلار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىنى ئاڭلىق ئاداقىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىلىكى ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان. 

36-ماددا زەھەر چەككۈچىلەر داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ساپاسىغا ئىگە داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۆزى بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ. زەھەر تاشلىتىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى قۇرىدىغانلار ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزگەن داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كېرەك، داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا پايدا كۆزلەشكە بولمايدۇ. داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش دورىلىرى، داۋالاش ئەسۋابلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ. داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ھەققى ئالدىغانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تامىقى بىلەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىش كېرەك. 

37-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، داۋالىنىپ زەھەرر تاشلايدىغانلارنىڭ تېنىنى ۋە ئېلىپ كىرگەن بويۇملىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي خەۋپ بارلىرىغا قوغداش خاراكتېرلىك زۆرۈر بولغان ۋاقتىلىق چەكلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتى داۋالىنىپ زەھەر تاشلاۋاتقانلاردىن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە زەھەرنى چەككەن ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغانلىرىنى سەزسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك. 

38-ماددا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى خەلىق ھۆكىمىتىنىڭ جامائەت خەۋپىسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارارى چىقىرىدۇ: 

1) زەھەر تاشلاشنى رەت قىلسا؛ 

2) زەھەر تاشلاش مەزگىلىدە زەھەرنى چەكسە ۋە ئوكۇل قىلىپ سالسا؛ 

3) زەھەر تاشلاش كېلىشىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا؛ 

4) زەھەر تاشلىغاند كېيىن ۋە مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغاندىن كېيىن، زەھەرنى قايتا چەكسە ۋە ئوكۇل قىلىپ سالسا. زەھەرگە قاتتىق خۇمار بولۇپ قېلىپ، زەھەر تاشلاپ زەھەر خۇمارىنى تۈگىتەلمىگەنلەر ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارارىنى بىۋاستە چىقارسا بولىدۇ. 

39-ماددا ھامىلدارلار ياكى بىر ياشقا توشمىغان بوۋىقىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردىن زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىرىغا مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى قوللىنىلمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏