چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11– يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国驻外外交人员法

ئېلان قىلغان ئورگان :مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

پىنيىنچە يېزىلىشى :zhōng huá rén mín gòng hé guó zhù wài wài jiāo rén yuán fǎ

ماقۇللانغان ۋاقتى :2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى

قوللىنىلغان ۋاقتى :2010–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساپالىق دىپلوماتىيە خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (19–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11–يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏