چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى 1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国国境卫生检疫法

ماقۇللانغان ۋاقتى :1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى

تۈزىتىلگەن ۋاقتى :2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم 

1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.  

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 83–نومۇرلۇق پەرمانى

 «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

خۇجىنتاۋ

2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»

(2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ماقۇللانغان) 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى» غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان:

14–ماددىنىڭ 2–تارمىقى: «چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان جەسەت، سۆڭەكنى توشۇتقۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى شەرت، سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ» دەپ تۈزىتىلگەن.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىپ قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏