چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جېبكى بازىرى گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ دەل جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە بىلۇخې يېزىسى، غەربتە دۇڭۋەن بازىرى، شىمالىي 108-تۇەن بىلەن چېگرالىنىدۇ، پۈتۈن بازار ئومۇمىي كۆلىمى 444 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر 121 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە دەريادىن سۇغىرىش رايونى 86 مىڭ مو، قۇدۇقتىن سۇغىرىش رايونى 35 مىڭ مو.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جېبكى بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :吉布库镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :گۇچۇڭ ناھىيەسى

يەر مەيدانى :444 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :14031 ئادەم

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

جەمئىيەت تەرەققىياتى 

5پارچەجېبكى بازىرىيېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كاپالەتلەندۈرۈپ يېڭى مېخانىزمى، «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي-خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ مائارىپ بايلىقىنى، بىر مەركىزى مەكتەپ ۋە تۆت ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى تولۇق بىرىكتۈرۈش؛ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش. يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 9480 ئادەم، قاتنىشىش نىسبىتى %96. رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى تېز راۋاجلىنىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %96؛ ئاساسەن ھەممە كەنت ئائىلىلەردە رادىئو، تېلېۋىزور بار؛ مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئالتە فۇنكسىيەسى تولۇق كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى ۋە 16 گۇرۇپپا دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى بار؛ 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏