چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قاغا ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپى، قاغا ئائىلىسىدىكى قۇشلار تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، جەمئىي 41 خىل تۈرى بار. ئۇ تۈرلەر ئىچىدىكى بەزىلىرى قۇشقاچسىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەكىلى، ئادەتتە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتابولىدۇ. كۈچلۈك پۇتى ۋە پۇت بارمىقى بار. ئاغزى قاتتىق ھەم بىر قەدەر يوغان، قۇيرۇقى ئادەتتە ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن، ئەمما بەزىلىرنىڭ قىسقا ياكى سەل ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنگۈ قۇيرۇق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قاغا ئۇرۇقدىشى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鸦属

ئىنگلىزچە نامى :Ravens

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :قۇشقاچسىمانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :قاغا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :قاغا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :41 خىل

لاتىنچە نامى :Corvus

سىرتقى شەكىلى

قاغا ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپى، قاغا ئائىلىسىدىكى قۇشلار تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، جەمئىي 41 خىل تۈرى بار. ئۇ تۈرلەر ئىچىدىكى بەزىلىرى قۇشقاچسىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەكىلى، ئادەتتە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتابولىدۇ. كۈچلۈك پۇتى ۋە پۇت بارمىقى بار. ئاغزى قاتتىق ھەم بىر قەدەر يوغان، قۇيرۇقى ئادەتتە ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن، ئەمما بەزىلىرنىڭ قىسقا ياكى سەل ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنگۈ قۇيرۇق. قاغا ئۇرۇقدىشى تېنىنىڭ رەڭگى قارا، بەزىلىرنىڭ ئاق ۋە قارا رەڭ،يەنە بەزىلىرىنىڭ قارا ۋە كۈل رەڭ، يەنە بەزىلىرنىڭ چىرايلىق بىنەپشە رەڭ ۋە كۆك رەڭ يېشىل، ياكى كۈمۈش رەڭ پارقىراق بولىدۇ. 

قاغا ئۇرۇقدىشى جەمئىي 41 خىل، قاغا ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بىر ئۇرۇقداش ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقلا قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلار ئىچىدە تېنى ئەڭ چوڭ بولغان بىر تۈر، تەن ئۇزۇنلۇقى 400 ~ 490 مىللىمېتىر؛ پەيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قارا ياكى قارا، ئاق رەڭ ئارىلاش بولىدۇ، قارا رەڭ پەيلىرىدە سۆسۈن كۆك رەڭ بولۇپ پارقىرايدۇ؛ قانات، قۇيرۇقلىرى ئۇزۇن؛ ئېغىز، پاچاق ۋە پۇتى ساپ قارا رەڭلىك بولىدۇ؛ پېشانىسى، بۇرۇن تۆشۈكى ئارىلىقى تەخمىنەن 1/3 قىسمىنى ئىگەلەيدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن، بۇرۇن قىسمى قاتتىق ھەم تۈز، ئېغىزى ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏