ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى

خەنزۇچە نامى :新疆维吾尔自治区邮政条例

ئېلان قىلغان ئورگان :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

پىنيىنچە يېزىلىشى :xīn jiāng wéi wú ěr zì zhì qū yóu zhèng tiáo lì

ماقۇللانغان ۋاقتى :2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

قوللىنىلغان ۋاقتى :2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى» پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلار ۋە پوچتا كارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (35 – نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى» 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

          2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏