چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە، ئەڭ كەمچىل نەرسىنىڭ ئەڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. سودا سېپىدە ھەممە ئادەم باي بولۇشنىڭ يوللىرىنى بەس-بەستە ئىزدىنىدۇ. لېكىن، ئىقتىســادشــۇناســلىقنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئاددىي خۇلاسىگە دىققەت قىلمايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :世界上最伟大的推销员

ئەسلى نۇسخىسى :The Greatest Salesman In The World

ئۆزلەشتۈرگۈچى :مۇنارجان توختاخۇن

نەشرىيات :شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

نەشىر قىلغان ۋاقىت :2003-يىلى 3-ئاي

ISBN :978722807905

كىتاپ ئاپتورى :ئوگ ماندىنو

مەسئۇل مۇھەررىر :ئىلدانە ئابدۇرېھىم

مۇقاۋا لاھىيلىگۈچى :مىرزات ئابدۇللا تاجى

كىتاب ھەققىدە 

ئىقتىسادشۇناسلىق بىزگە، ئەڭ كەمچىل نەرسىنىڭ ئەڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. سودا سېپىدە ھەممە ئادەم باي بولۇشنىڭ يوللىرىنى بەس-بەستە ئىزدىنىدۇ. لېكىن، ئىقتىســادشــۇناســلىقنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئاددىي خۇلاسىگە دىققەت قىلمايدۇ.

بۈگۈن، مەن يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن. بۈگۈن، مەن مەغلۇبىيەتنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغان قاداقتىن قۇتۇلىمەن. بۈگۈن مەن بۇ دۇنياغا باشقىدىن تۆرىلىمەن، مەن ئۈزۈمزارلىقتا تۇغۇلىمەن، باغدىكى ئۈزۈملەرگە ھەرقانداق ئادەم ئېغىز تېگەلەيدۇ. بۈگۈن، مەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ باراقسان تەكتىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسىنى ئۈزىمەن، بۇ ئۈزۈم تەكلىرىنى نەچچە ئەۋلاد ئەقىلدارلار تىككەن. بۈگۈن، مەن شىرنىلىك ئۈزۈمگە ئېغىز تىگىمەن. يەنە ھەربىر تال مۇۋەپپەقىيەت ئۇرۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىمەن، يېڭى ھاياتلىق يۈرىكىمدە بىخ سۈرسۇن. مەن تاللىغان يولدا ياخشى پۇرسەتلەر كۆپ، يەنە ئاچچىقى-چۈچۈكىمۇ بار. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەمراھلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىر يەرگە يىغىدىغان بولساڭ، ئېھرامدىنمۇ ئېگىز بولۇپ كېتىدۇ. - مەزكۇر ئەسەردىن ئۈزۈندە

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏