چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ئېلان قىلىنغان، 2013–يىل 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى

خەنزۇچە نامى :机动车交通事故责任强制保险条例

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2006-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى :2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم 

گوۋۇيۈەننىڭ «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش                                                                     توغرىسىدىكى قارارى

   گوۋۇيۈەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى» غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

بىر ماددا قوشۇپ 43–ماددا قىلىندى: «پىرېتسىپلىق ئاپتوموبىللار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتمايدۇ. يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، تالاپەت پەيدا قىلغان ۋە مال–مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا سۆرەش ئاپتوموبىلى سۇغۇرتىلاتقان سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى سۆرەش ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى بىلەن پىرېتسىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ».

                                             جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

                                                            630 – نومۇرلۇق

«<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ئېلان قىلىنغان. 

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2006–يىل 3–ئاينىڭ 21–كۈنى

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏