چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› 2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国循环经济促进法

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2008-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2009 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم 

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› 2008-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

مەزمۇنى 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئايلانما ئىقتىساد ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەريانلىرىدا مىقدارنى كېمەيتىش، قايتا پايدىلىنىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مىقدار كېمەيتىش ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەريانلىرىدا بايلىق سەرپىياتى ۋە كېرەكسىز نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قايتا پايدىلىنىش كېرەكسىز نەرسىنى مەھسۇلات قاتارىدا بىۋاسىتە ئىشلىتىشنى ياكى رېمونت قىلغان، يېڭىلىغان، قايتا ياسىغاندىن كېيىن مەھسۇلات قاتارىدا داۋاملىق ئىشلىتىش ياكى كېرەكسىز نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى باشقا مەھسۇلاتنىڭ زاپچىسى قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەكسىز نەرسىدىن خام ئەشيا قاتارىدا بىۋاسىتە پايدىلىنىش ياكى كېرەكسىز نەرسىدىن ھاسىلىي پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش دۆلەت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور ئىستراتېگىيە بولۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، كارخانا يولغا قويۇش، جامائەت قاتنىشىش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4-ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى تېخنىكىسى ئەسقاتىدىغان، ئەرزان، مۇۋاپىق بولۇش ۋە بايلىق تېجەشكە، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولۇش شەرتى بىلەن، مىقدار كېمەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپى بويىچە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

كېرەكسىز نەرسىدىن قايتا پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قايتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا دۆلەت كەسىپ سىياسىتىنى ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چىقىرىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى شۇنىڭدەك يىللىق پىلانى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، پەن-تېخنىكا يىرىك پىلانى قاتارلىق يىرىك پىلانلىرىدا ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلانۇرۇشقا ئائىت مەزمۇن بولۇش كېرەك.

7-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىساد پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئايلانما ئىقتىسادقا دائىر تەشۋىق-تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، يىرىك پىلان، مالىيە، سېلىنما، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

9-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ بايلىق سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، تاشلاندۇق پەيدا قىلىش مىقدارى ۋە چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، كېرەكسىز نەرسىدىن قايتا پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

10-ماددا پۇقرالار بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ، بايلىقنى تېجىشى كېرەك.

دۆلەت پۇقرالارنى ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەر مەھسۇلاتلار، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتلار شۇنىڭدەك ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشكە، تاشلاندۇق پەيدا قىلىش مىقدارى ۋە قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

پۇقرالار بايلىقنى ئىسراپ قىلىش، مۇھىتنى بۇزۇش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر ئۇچۇرلىرىنى بىلىشكە ھەمدە پىكىر، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

11-ماددا دۆلەت ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدىكى تېخنىكا يېتەكچىلىك رولى ۋە مۇلازىمەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جامائەت مۇلازىمىتىنى شارائىتى بار ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

دۆلەت ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار، ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى تەشۋىق قىلىش، تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

2– باب ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتى يىرىك پىلانىدا يىرىك پىلان نىشانى، قوللىنىش دائىرىسى، ئاساسىي مەزمۇنى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلار بولۇشى ھەمدە بايلىقنىڭ ھاسىلات نىسبىتى، تاشلاندۇقتىن تەكرار پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بەلگىلىنىشى كېرەك.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش كۆرسەتكۈچى، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پىلانلاپ ۋە تەڭشەپ، ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يېڭىدىن قىلىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان قۇرۇلۇشلار شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ستاتىستىكا، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايلانما ئىقتىسادنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئايلانما ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالايدۇ ھەمدە ئاساسىي باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى باھالاش مەزمۇنى قىلىدۇ.

15-ماددا مەجبۇرىي يىغىۋېلىش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ياكى ئورۇ ئىشلەيدىغان كارخانىلار تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورۇنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇشى شەرت؛ بۇلار ئىچىدىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرىدىن شۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى پايدىلىنىدۇ؛ تېخنىكا، ئىقتىسادىي شارائىتى ھازىرلانمىغانلىقتىن پايدىلانغىلى بولمايدىغانلىرىنى شۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى زىيانسىزلاندۇرىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورۇنى يىغىۋېلىشنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ساتقۇچىغا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا ھاۋالە قىلىشتا ياكى تاشلاندۇقتىن پايدىلانغۇچى ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلغۇچى كارخانىنىڭ پايدىلىنىشى ياكى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە يىغىۋېلىشى ياكى پايدىلىنىشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

مەجبۇرىي يىغىۋېلىش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ۋە ئورۇنى ئىستېمالچىلار تاشلاندۇق مەھسۇلات ياكى ئورۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ياكى يىغىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان ساتقۇچى ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتقا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىدىغان مەھسۇلات ياكى ئورۇ كاتالوگى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۇۋيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى چىقىرىدۇ.

16-ماددا دۆلەت پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، بىناكارلىق، قەغەزچىلىك، بوياقچىلىق ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى يىللىق ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىيات مىقدارى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئومۇمىي مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە سۇ سەرپىياتىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.

نۇقتىلىق سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۇۋيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

17-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىساد ستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق سەرپىياتىنى، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشنى ۋە تاشلاندۇق پەيدا بولۇشنى ستاتىستىكا قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئاساسلىق ستاتىستىكا كۆرسەتكۈچىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايلانما ئىقتىساد ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەش ۋە تاشلاندۇقتىن تەكرار پايدىلىنىش، ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۆلچىمى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى چىقىرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈنۈم بەلگىسى تۈزۈمى قاتارلىق مەھسۇلات بايلىقى سەرپىياتى بەلگە تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

3– باب مىقدار كېمەيتىش

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىلھام بېرىلىدىغان، چەك قويۇلىدىغان ۋە شاللىۋېتىلىدىغان تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلات تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

شاللىۋېتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، شاللىۋېتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىيالنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىدۇ.

19-ماددا ھۈنەر، ئۈسكۈنە، مەھسۇلات ۋە ئورۇ لايىھىلىگۈچىلەر بايلىق سەرپىياتى ۋە تاشلاندۇقنى ئازايتىش تەلىپى بويىچە ئاسان يىغىۋالغىلى، ئاسان چۇۋۇغىلى، ئاسان پارچىلىغىلى بولىدىغان، زەھەرسىز، زىيانسىز ياكى زەھىرى، زىيىنى ئاز ماتېرىياللار ۋە لايىھىنى ئاۋۋال تاللاپ ئىشلىتىشى ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن قىلىشى كېرەك.

چۇۋۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇھىتنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى لايىھىلەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

مەھسۇلات ئورۇسىنى لايىھىلەشتە، مەھسۇلات ئورۇسى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، زىيادە ئوراپ بايلىقنى ئىسراپ قىلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

20-ماددا سانائەت كارخانىلىرى ئىلغار ياكى ياراملىق سۇ تېجەش تېخنىكىسى، ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ، سۇ تېجەش پىلانىنى تۈزۈپ ھەمدە يولغا قويۇپ، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا سۇ ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تىزگىنلىشى كېرەك.

سانائەت كارخانىلىرى ئىشلىتىدىغان سۇنى ئۆلچەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىتىدىغان سۇنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمگە لايىق ئەسۋاب، سايمانلارنى سەپلەپ ۋە ئىشلىتىپ، سۇ سەرپىياتىنى ستاتىستىكا قىلىش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

يېڭىدىن قىلىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان ۋە كېڭەيتىدىغان قۇرۇلۇشلاردا سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياساش كېرەك. سۇ تېجەش ئەسلىھەسىنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشلىتىش كېرەك.

دۆلەت دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇپ ۋە دېڭىز سۈيىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ، تاتلىق سۇ بايلىقىنى تېجىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

21-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك مەھسۇلات، ماي تېجەر مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، پولات–تۆمۈر، رەڭلىك مېتال ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارلىق كارخانىلار دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرە ۋە مۆھلەتتە، يېقىلغۇ ماي ئورنىغا پاكىز كۆمۈر، نېفىت كوكىسى، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيىنى ئىشلىتىشى، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە ماي پار قازىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كارخانىلىرى دۆلەت بەلگىلەنگەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ماي تېجەش ئۆلچىمى بويىچە، ماي تېجەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەرپىيات مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.

22-ماددا قېزىلما بايلىق ئېچىشتا، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھىسى تۈزۈپ، مۇۋاپىق ئېچىش تەرتىپى، ئۇسۇلى ۋە رۇدا تاللاش ھۈنىرىنى قوللىنىش كېرەك. كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرگۈچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچى سۇنغان ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھىسىدىكى قېزىۋېلىش نىسبىتى، رۇدا تەركىبىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى، رۇدا يىغىۋېلىش نىسبىتى، كان سۈيىدىن تەكرار پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەرگە كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرمەسلىكى كېرەك، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى بەرگۈچى ئورگان قېزىلما بايلىقنى ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

كانچىلىق كارخانىلىرى ئاساسلىق رۇدا تۈرلىرىنى قېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانائەت قىممىتىگە ئىگە ماكانداش، يانداش قېزىلمىلاردىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىپ مۇۋاپىق پايدىلىنىشى كېرەك. بىرلا ۋاقىتتا ئېچىش زۆرۈر بولغان، لېكىن ۋاقتىنچە پايدىلانغىلى بولمايدىغان قېزىلمىلار شۇنىڭدەك پايدىلىنىش تەركىبى بولغان قالدۇق قېزىلمىلارنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، بايلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

23-ماددا قۇرۇلۇشنى لايىھىلىگۈچى، قىلدۇرغۇچى، قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، ئۆزلىرى لايىھىلىگەن، قىلدۇرغان ۋە قىلغان ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلاردا ئېنېرگىيە، سۇ، يەر، ماتېرىيال تېجەيدىغان تېخنىكا ھۈنىرىنى قوللىنىشى، كىچىك، يېنىك ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار قۇياش ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيىسى ۋە شامال ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيىدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەك.

دۆلەت زەھەرسىز، زىيانسىز قاتتىق تاشلاندۇقتىن پايدىلىنىپ بىناكارلىق ماتېرىيالى ئىشلەشكە ئىلھام بېرىدۇ، پارچە قاچىلانغان سېمونت، تەييار سېمونت لاي ۋە تەييار شېغىل لاينى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

تېرىلغۇ يەرنى نابۇت قىلىپ خىش پىشۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مۆھلەت ۋە رايوندا سېغىز توپىلىق خىش قۇيۇش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى يەردىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ سۇ، ئوغۇت، دورا تېجەر ئىلغار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

سۇ قىس جايلاردا تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇرۇپ، يامغۇر سۈيىدىن يىغىپ پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېجەپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ۋە ئاسراپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشى ۋە سىرغىپ كېتىشىنى ئازايتىش كېرەك.

25-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مالىيە مەبلىغى ئىشلىتىدىغان باشقا تەشكىلاتلار ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىپ، ئېنېرگىيە، سۇ، يەر، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولغان مەھسۇلات، ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىتىشى، ئىشخانا بۇيۇملىرىنى تېجەپ ئىشلىتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان خوجىلىق خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە، سۇ ئىشلىتىش نورما كۆرسەتكۈچىنى تۈزىدۇ، مالىيە تارمىقى چىقىم ئۆلچىمىنى شۇ نورما كۆرسەتكۈچىگە قاراپ چىقىرىدۇ.

شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىمارەت ئىگىلىرى ياكى ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەر تەدبىر قوللىنىپ، ئىمارەتنى ئاسراش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمارەتنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشى كېرەك. شەھەر يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ۋاقتىدىكى ئىمارەتلەرنى چېقىشنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارار قىلماسلىقى كېرەك، جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجلىق بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

26-ماددا يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا قاتارلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەيدىغان مەھسۇلات ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى، بايلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئاز ئىشلىتىشى ياكى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا قاتارلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق تېخنىكا، ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك.

27-ماددا دۆلەت ھاسىلىي سۇ ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ھاسىلىي سۇ ئىشلىتىش شارائىتى بار جايلارنىڭ تۇرۇبا سۈيىنى شەھەر يوللىرىنى تازىلاشقا، شەھەرنى كۆكەرتىشكە ۋە مەنزىرىگە ئىشلىتىشىگە چەك قويۇلىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

28-ماددا دۆلەت مەھسۇلات بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى ئاستىدا، بىر قېتىملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە سېتىشقا چەك قويىدۇ. كونكرېت تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە سېتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج ۋە تاشقى سودا تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى باج ۋە ئېكسپورت جەھەتتىن چەكلەش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەيدۇ.

4–باب قايتا پايدىلىنىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كارخانىلارنىڭ بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەكرار ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھەر خىل كەسىپ رايونلىرى رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنى بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ھەر خىل كەسىپ رايونلىرىدىكى كارخانىلارنى تاشلاندۇقلاردىن ئالماشتۇرۇپ پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيىدىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىپ، يەردىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىپ، سۇدىن تۈرگە ئايرىپ پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئايلانما ئىشلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ھەر خىل كەسىپ رايونلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتە، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاپ ھەمدە ئېكولوگىيىنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شۇ رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

30-ماددا كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان كۆمۈر كۈلى، كۆمۈر تېشى، قالدۇق قېزىلما، كېرەكسىز ماتېرىيال، كېرەكسىز گاز قاتارلىق سانائەت تاشلاندۇقلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى كېرەك.

31-ماددا كارخانىلار سۇنى ئۇلاپ ئىشلىتىش سىستېمىسى ۋە سۇنى ئايلانما ئىشلىتىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

كارخانىلار ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان كېرەكسىز سۇدىن تەكرار پايدىلىنىشى كېرەك.

32-ماددا كارخانىلار ئىلغار ياكى ياراملىق بولغان يىغىۋېلىش تېخنىكىسى، ھۈنىرى، ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم قاتارلىقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى كېرەك.

قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى شۇنىڭدەك كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لېيى، ئەخلەت قاتارلىق ئىسسىقلىق قىممىتى تۆۋەن يېقىلغۇدىن پايدىلىنىپ تورغا ئۇلاپ توك بېرىش تۈرلىرىگە تۇتۇش قىلىشتا، ئېلېكتر تورىغا ئۇلانغان تۈرلەردە قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئېلېكتر تورى كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ توك بېرىدىغان كارخانا بىلەن تورغا ئۇلاش كېلىشىمى تۈزۈپ، تور مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە تورغا ئۇلاپ توك بېرىش تۈرىنىڭ تورغا چىققان توكىنى تولۇق سېتىۋېلىشى كېرەك.

33-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش داۋامىدا پەيدا بولغان بىناكارلىق تاشلاندۇقلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى كېرەك؛ ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش شارائىتى بولمىغانلىرى شارائىت ھازىرلىغان ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

34-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىلغار ياكى ياراملىق تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، زىرائەت شاخ-شۇمبىسى، چارۋا-قۇشلارنىڭ قىغى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلار، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشىغا، پاتقاق گازى قاتارلىق بىئوماسسا ئېنېرگىيىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېكولوگىيە ئورمانچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمانچىلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ياغاچ ماتېرىيالنى تېجەش ۋە سەپلىمە ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئورمانچىلىق تاشلاندۇقلىرى ۋە ئۇششاق ئوتۇن، قۇملۇق چاتقىلى قاتارلىقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ياغاچ ماتېرىيالدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

36-ماددا دۆلەت ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ كەسىپلەر ئارا تاشلاندۇق ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپلەر ئارا تاشلاندۇق ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

كارخانىلاردىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش شارائىتى بولمىغانلىرى تاشلاندۇقىنى شارائىتى بار ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىنىڭ ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشىغا بېرىشى كېرەك.

37-ماددا دۆلەت تاشلاندۇق يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، تۈرتكە بولىدۇ.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى بويىچە، تاشلاندۇق يىغىۋېلىش تور نۇقتىسى ۋە سودا بازىرىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشى، تاشلاندۇق يىغىۋالىدىغان كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاشلاندۇق يىغىشى، ساقلىشى، توشۇشى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

تاشلاندۇق يىغىۋېلىپ سېتىش بازىرى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش، بىخەتەرلىك ۋە ئوت مۇداپىئەگە دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

38-ماددا كېرەكسىز ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترون-مەھسۇلاتلىرى، براك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېرەكسىز بالون، كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق، كىسلاتالىق باتارېيە قاتارلىق مۇئەييەن مەھسۇلاتلارنى چۇۋۇش ياكى ئۇلاردىن قايتا پايدىلىنىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

39-ماددا يىغىۋېلىنغان ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدىن رېمونت قىلىپ سېتىلىدىغانلىرى قايتا پايدىلىنىدىغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قايتا پايدىلىنىدىغان مەھسۇلات دەپ بەلگە قويۇش شەرت.

يىغىۋېلىنغان ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدىن چۇۋۇيدىغان ۋە قايتا پايدىلىنىدىغانلىرىنى شارائىت ھازىرلىغان چۇۋۇش كارخانىسىغا سېتىپ بېرىش كېرەك.

40-ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى زاپچىسى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئىستانوك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى قايتا ياسىشى ۋە بالونلارنى يېڭىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

سېتىش ئۈچۈن قايتا ياسالغان مەھسۇلاتلار ۋەيېڭىلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قايتا ياسالغان مەھسۇلات ياكى يېڭىلانغان مەھسۇلات دەپ بەلگە قويۇش شەرت.

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرى بويىچە يىغىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، تۈرى بويىچە يىغىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنىڭ لاتقىدىن بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، لاتقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، قايتا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

5–باب رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

42-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئايلانما ئىقتىسادقا دائىر پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش ۋە يارىتىش، ئايلانما ئىقتىساد تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۈلگە قىلىش ۋە كېڭەيتىش، چوڭ-چوڭ ئايلانما ئىقتىساد تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، ئايلانما ئىقتىسادنى راۋجلاندۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.\

43-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادقا دائىر چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتى، ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مالىيىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللىشى كېرەك. مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ-چوڭ تېخنىكا، جابدۇق كىرگۈزىدىغانلار ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش لايىھىسى تۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا ھەمدە نازارەت قىلىپ يولغا قويۇشىغا سۇنۇشى كېرەك؛ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، چوڭ-چوڭ تېخنىكا، جابدۇقلارنى كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ھەمدە مەبلەغ جەھەتتە قوللىشى كېرەك.

44-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەسىپ پائالىيىتىگە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە باج ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىلغار ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەر تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

كارخانىلاردىن دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتتە ئىلھام بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە ياكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىگەنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، ئېنېرگىيە، سۇ، يەر، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان تۈرلەرنى نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھە قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېنېرگىيە، سۇ، يەر، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان تۈرلەرگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كرېدىت جەھەتتە قوللاپ، ئاۋۋال قەرز بېرىشى ھەمدە يۈرۈشلەشكەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك.

كارخانىلاردىن شاللىۋېتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلىگەن، ئىمپورت قىلغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلىرىنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىناۋەت جەھەتتە ھەرقانداق شەكىلدە قوللىسا بولمايدۇ.

46-ماددا دۆلەت بايلىق تېجەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى سۇ، توك، گاز قاتارلىق بايلىق مەھسۇلاتلارنى تېجەشكە ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەيدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى بويىچە، بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەردىكى چەك قويۇلىدىغان تۈرلەردە چەكلىمە باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى ۋە كۆمۈر تېشى، كۆمۈر لېيى، ئەخلەت قاتارلىق ئىسسىقلىق قىممىتى تۆۋەن يېقىلغۇدىن پايدىلىنىپ تورغا ئۇلاپ توك بېرىش تۈرىنىڭ تورغا چىققان توك باھاسىنى باھا مەسئۇل تارمىقى بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، ئەخلەت پۇلى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئېلىنغان ھەق ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، يىغىش، توشۇش، ساقلاش، پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش، زالوك ئېلىش يوللىرى بىلەن تاشلاندۇق يىغىۋېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

47-ماددا دۆلەت ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. مالىيە مەبلىغى بىلەن سېتىۋالىدىغانلار ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولغان مەھسۇلاتلار ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئاۋۋال سېتىۋېلىشى كېرەك.

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى باشقۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، مەھسۇلات يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك. كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاپ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا دائىر پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر تەرەپ قىلمىغان ۋە ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشى بارلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

50-ماددا شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىگەن، ساتقانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە، ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش ياكى تاقاشقا بۇيرۇش توغرىسىدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى پىكىر تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ياكى مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلغانلارنى تاموژنا قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ئىمپورت قىلغۇچى نامەلۇم بولسا، توشۇغۇچى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىش راسخوتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چۇۋۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا مۇھىت بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ئېلېكتر سايمىنى، ئېلېكترون مەھسۇلاتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى، دۆلەتنىڭ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تەركىبىدە زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا بار قىلىپ لايىھىلەپ ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى شۇ دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال ۋە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارلىق كارخانىلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە توشمايدىغان ماي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياكى ماي پار قازىنىنى ئىشلىتىشنى بەلگىلەنگەن دائىرە ياكى سۈرۈكتە توختاتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ شۇ ماي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياكى ماي پار قازىنىنى چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

53-ماددا كانچىلىق كارخانىلىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن قېزىۋېلىش نىسبىتى، رۇدا تەركىبىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى، رۇدا يىغىۋېلىش نىسبىتى، كان سۈيىدىن ئايلانما پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە يەتكۈزەلمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گىئو قېزىلما مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

54-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشلەش، سېتىش، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن سېغىز توپىلىق خىشنى سۈرۈك ياكى رايون ئىچىدە ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ داۋاملىق ئىشلىگەن، ساتقانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

55-ماددا ئېلېكتر تورى كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، كۆمۈر قاتلىمى گازى شۇنىڭدەك كۆمۈر تېشى، كۆمۈرلېيى، ئەخلەت قاتارلىق ئىسسىقلىق قىممىتى تۆۋەن يېقىلغۇدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن توكنى سېتىۋالمىغانلىرىنى دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ كارخانىغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) تەكرار پايدىلىنىدىغان مەھسۇلات بەلگىسى بولمىغان تەكرار پايدىلىنىلىدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ساتقانلار؛

(2) تەكرار ياسالغان ياكى يېڭىلانغان مەھسۇلات بەلگىسى بولمىغان تەكرار ياسالغان ياكى يېڭىلانغان مەھسۇلاتلارنى ساتقانلار.

57-ماددا مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7– باب قوشۇمچە پرىنسىپ

58-ماددا بۇ قانۇن 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏