چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوغما يىلان دۇنيادىكى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان يىلانلارنىڭ بىرى، بوغما يىلان دەرەختە ياشايدىغان ياكى سۇدا ياشايدىغان خاراكتېرگە تەۋە. بوغما يىلان ھازىر دۆلىتمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلدىغان ياۋايى ھايۋان ھېساپلىنىدۇ، ئۇ گۆش بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بوغما يىلان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :修蛇

ئىنگلىزچە نامى :Python molurus

تارقالغان رايونلار :ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تىروپىك بەلباغ

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :يىلانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :بوغما يىلان ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بوغما يىلان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :بوغما يىلان

سىرتقى شەكىلى

 ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى جۇغى چوڭ ھەم ئۇزۇن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان يىلان ھېساپلىندۇ، بەل قىسمى ۋە ئارقا پۇتلىرىدا ئىز بۇلىدۇ. تېنىنىڭ رەڭگى قارا، بۇلۇتسىمان داغ بار، دۈمبە تەرىپىدە بىر تال سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغ، ئىككى تەرىپىدە سېرىق رەڭلىك سىزىقچىلار بار. ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارغا تەۋە. بوغما يىلان دۇنيادىكى يىلان تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تۈر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 11 مېتىر، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 50 ~ 160 كىلوگرام كېلىدۇ، زەھەرسىز يىلانغا كىرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏