چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىلمىي نامى چوڭ ئاق ئاكۇلا بۇلۇپ يەنە ئادەمخور ئاكۇلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ چوڭ گۆشخور بېلىقلارنىڭ بىر تۈرى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6.5 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 3200 كىلوگرام كېلىدۇ، قۇيرۇق يارما دەرىجىىسى كەڭرەك، چىشى چوڭ ھەمدە ھەرە چىشىسىمان گىرۋىكى بار، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، چىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر، چوڭ تىپتىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك لەھەڭ ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئىستېمالچى دېيىشكىمۇ بۇلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چوڭ ئاق ئاكۇلا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :大白鲨

ئىنگلىزچە نامى :white shark

تارقالغان رايونلار :ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار سىنىپى

تۈركۈمى :كۆك ئاكۇلا تۈركۈمى

ئائىلىسى :كۆك ئاكۇلا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئادەمخور لەھەڭ ئۇرۇقدىشى

تۈرى :چوڭ ئاق ئاكۇلا

باشقا نامى :ئادەمخور ئاكۇلا

سىرتقى شەكىلى

قۇرامىغا يەتكەن ئاق ئاكۇلا تېنىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 4 ~ 5.9 مېتىرغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 2000 كىلوگرام، مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقى 3200 كىلوگرام، چىشى ئاكۇلا ئەركەك ئاكۇلاغا قارىغاندا بىر ئاز چوڭدەك كۆرىندۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاپقارا، ياۋۇز چىشى ۋە قوش ئېڭىكى بار، ئادەم يەيدىغان پامپۇس بېلىقى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئادەتتە تېنى كۈل رەڭ، ھاۋا رەڭ ياكى ئاچ قوڭۇر رەڭلىك بۇلۇپ، قورسىقى سۇس ئاق رەڭلىك، تەن شەكلى چوڭ بولغانلىرىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر سۇس. قۇيرۇق يارما دەرىجىىسى كەڭرەك بولۇپ، چىشى چوڭ ھەمدە  ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ھەرە چىشىسىمان گىرۋىكى بار. 

كۆرۈش سەزگۈسى

كۆپ ساندىكى ئاق ئاكۇلا ئازراق يېقىننى كۆرەلمەيدۇ، چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ كۆزى ئۈستىدە قەۋەت ئايرىغۇچى پەردە بار، كۆز ئالمىسى ئىچىگە ئۆرۈلۈپ، كۆزى كەينىگە تارتىلغان ھالەتتە بۇلىدۇ. 

ئاڭلاش سەزگۈسى 

چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئىچكى قۇلىقى مېڭىسىنىڭ ئىككى تەرپىگە جايلاشقان، ئىچكى قۇلاق ئىچىدىكى قوبۇللىغۇچ  ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەۋرىنىشنى قوبۇل قىلدۇ، ئارىلىقى 1 ~ 2 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئاۋازنى قۇبۇل قىلالايدۇ. تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاق ئاكۇلانىڭ ئاڭلاش سېزىمى سىستېمىسى 10 ھېرتىستىن تەخمىنەن 800 ھېرتىسقىچە بولغان ئاۋازلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئاكۇلانىڭ ۋە ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن ئاكۇلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ.

پۇراش سەزگۈسى 

چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ پۇراش شارچىسى نېرۋا ئاپپاراتىنىڭ %14 نى ئىگىلەيدۇ، بىر سېرىن مولېكۇلاسى ئىچىدە 1015 تال سۇ مولىكۇلاسى بۇلىدۇ. ئۇ بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قان پۇرىقنى پۇرىيالايدۇ.

بەدەن سېزىمى 

چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ يان تەرپىدىكى سىزىق بولسا كىچىك ئويمىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى سەزگۈ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان، ھەر بىر سەزگۈ ئەزالارنى تېرە سىرتىغا تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان كىچىك تۆشۈكلىرى بار، بۇ سەزگۈ ئەزالار تېرە ئاستىدىكى ئىنچىكە تۇرۇبا يولى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە بۇلىدۇ.

چىشى

چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ 26 تال ئۆتكۈر چىشلىرى بۇلۇپ ئۈستۈنكى تاڭلىيغا قاتار تىزىلغان، چىشنىڭ ئارقا تەرىپىدە تەتۈر ئىلمىكى بار، ئوۋنى چىشلەپ تۇتۇشى ناھايىتى تەس. چوڭ ئاق ئاكۇلانىڭ ئالدىدىكى بىر دانە چىشى داۋاملىق چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئارقىدىكى زاپاس چىشنى يۆتكەپ ئالدىغا تولۇقلايدۇ. تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم چىشىنى ئالماشتۇرىدۇ.

تېرىسى 

ئاق ئاكۇلانىڭ  تېرىسى سىلىق ئەمەس، بېلىق قاسىرىقى يوق، كىچىككىنە ئەتتىكەن بىلەن قاپلانغان.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى

سۇدا ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئەتراپىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ، بىراق ئاق ئاكۇلانىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسى ئەتراپىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن  يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ℃15 تىن يۇقىرى بولىدۇ، تىز سۇ ئۈزەلەيدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏