چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى» 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 26-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى

خەنزۇچە نامى :新疆维吾尔自治区民用建筑物供暖节能办法

ئېلان قىلغان ئورگان :ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

ماقۇللانغان ۋاقتى :2015-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى

قوللىنىلغان ۋاقتى :2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم

 «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى» ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلىنىدىغان پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش نىزامى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى (194-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى» 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 26-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏