چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارا تۇرنا (ئىلمىي نامى: Ciconia nigra) بىر خىل شەكلى گۈزەل، رەڭگى روشەن، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى ھوشيار، چوڭ تىپتىكى تۇرنا ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) دىن ھاسىل بولغان قۇش.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قارا تۇرنا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :黑鹳

ئىنگلىزچە نامى :Black Stork

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :لەيلەكسىمانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :لەيلەك ئائىلىسى، تۇرنا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :لەيلەك ئۇرۇقدىشى، تۇرنا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قارا لەيلەك، قارا تۇرنا

تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

لاتىنچە نامى :Ciconia nigra

باشقا نامى :قارا قاقىر تۇمشۇق، قارا لەيلەك، قازان لەيلەك

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

12پارچەقارا تۇرناقارا تۇرنا (ئىلمىي نامى: Ciconia nigra) بىر خىل شەكلى گۈزەل، رەڭگى روشەن، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى ھوشيار، چوڭ تىپتىكى تۇرنا ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) دىن ھاسىل بولغان قۇش. قۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى1-1.2 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 2-3 كىلوگرام؛ تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم توم، باش، بويۇن، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، ئېغىزى ۋە پۇتى قىزىل رەڭلىك. كۆكرەك، قورساق قىسمى ساپ ئاق رەڭلىك پەيلىرى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قارا رەڭلىك. ئېگىز دەرەخ ياكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىپتىكى ئۇۋا ياسايدۇ، بويۇن سوزۇپ ئۇچىدۇ،

بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. دەريا بويىدا، سازلىق ۋە تاغلاردىكى ئېقىن ئەتراپىدا ياشايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە.

قارا تۇرنا كۆپ ساندىكى كۆچمەن قۇشلارغا ئوخشاش بۇلۇپ، پەقەت ئىسپانىيەدىلا كۆچمەس قۇشلار. پەقەت ئاز ساندىكىلىرى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزىغا بېرىپ قىشتىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي ئافرىقىدا تۈر توپى كۆپ ئەمەس. بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت قۇشى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏