چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جامباز يېزىسى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئالتە كىلومېتر كىلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى، جەنۇبتا قىزىلبويى يېزىسى، شاپتۇل بازىرى، شىمالىي تەرىپى بارىن بازىرى ۋە يېڭىمەھەللە يېزىسى، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 204 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جامباز يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :江巴孜乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى

يەر مەيدانى :204 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :27961 ئادەم

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

تونۇشتۇرۇلىشى

6پارچەجامباز يېزىسىشىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايى جامباز يېزىسى، يېزا تەۋەسىدىكى ئاقجامباز كەنتى، ئاقتۇر كەنتى، قىزىلجىيىم كەنتى، سىرىقتوغراق كەنتى، ئۈجمىلىك لەڭگەر كەنتى، سارايتام كەنتى، چاقا كەنتى، كەپتەرباغ كەنتى، قەدەمجاي كەنتى، چىۋىق كەنتى، چوڭ بولغۇچى كەنتى، قاتار باش تاقى كەنتى، دۆڭچاقا كەنتى، تۆۋەنگال كەنتى، كىچىك جامباز كەنتى، يۇقىرى گال كەنتى، كىچىك بۇلغۇچى كەنتى، چوڭ جامباز كەنتى، قاراقاش كەنتى، يېڭىلەڭگەر كەنتى، ساڭ كەنتى، ئاياغ كەنتى، ئاياغ تۈگمەنبېشى كەنتى، كۆكقۇم كەنتى، يىپەكچى كەنتى، ئەگىتېرەك كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى قاتارلىق 27 مەمۇرىي كەنت بولۇپ، ئومۇمىي ئائىلە 6433، ئومۇمىي نوپۇسى 27961 ئادەم، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6.0359 مىڭ مو. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏