چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سېرىق سەرەتان ئوخشاش قاناتلىقلار تۈركۈمى تومۇزغا ئائىلىسىغا تەۋە چىرىلداق ھاشارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سېرىق سەرەتان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :黄色蟪蛄

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى

سىنىپى :ھاشاراتلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئوخشاش قاناتلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :تومۇزغا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سەرەتان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :سېرىق سەرەتان

باشقا نامى :سېرىق تومۇزغا

سىرتقى شەكىلى

7پارچەسېرىق سەرەتانسېرىق سەرەتاننىڭ بەدىنى سېرىق رەڭدە بولۇپ، قورساق قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاق داغ بار، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسىمى ئۇچىدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى — ئاۋاز قاپقىقى، ئاۋاز قاپقىقى ئىچىدىكى سۈزۈك نېپىز پەردە شەكىللىك ماددا بار. چىشىسىنىڭ قورسىقىنىڭ ئارقا تەرپىدە تۇخۇم تۇغۇش ئەزاسى، تۇخۇم سېلىش ئورگىنى. خۇددى ئاياللىق كۆپىيىش ئەزاسى بولغانغا ئوخشاش. تۇخۇم تۇغۇش ئەزاسى تەرەققىي قىلغان، قۇيرۇقى قېتىپ قالغان بولۇپ، ئىچىدە يىڭنە سانجىش ئەزاسى ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى تىشىپ ياغاچ ئارىسىغا تۇخۇم كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىدۇ. مۇرەككەپ كۆزى سېرىق رەڭلىك. ئوتتۇرا كۆكرەكنىڭ دۈمبە تاختىسى «W» ئاق شەكىللك، خۇددى تاجغا ئوخشاش. ئەتراپى قارا رەڭلىك. قورساق قىسمى قارا رەڭدە، سىرتقى قانىتى سۇس سېرىق، سېرىق قارا سىزىقلارنىڭ تۈسىنى ئالغان. قانات تومۇرى سېرىق رەڭلىك، ئىچكى قاناتلىرى قېنىق، قانىتىنىڭ ئىككى ئۇچىدا قارا رەڭلىك داغلار بۇلۇپ، سېرىق كېپىنەك قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئەركەك سەراتاننىڭ كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمى تۇتاشقان ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن ئىككى پارچە سوقىچاق شەكىللىك ئاۋاز چىقىرىش ئەزاسى بار، ئەركىكىنىڭ قورساق قىسمى بولسا «W» شەكىللىك، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏