چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇششاقباش بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 63 كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۇششاقباش بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :乌夏克巴什镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى

يەر مەيدانى :2125 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :24670 ئادەم

كىلىماتى :ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتى

باشقا نامى :乌夏巴什镇

تېلېفون رايون نومۇرى :0998

ماشىنا كودى :新Q

قىسقىچەتۇنۇشتۇرۇش 

4پارچەئۇششاقباش بازىرىئۇششاقباش بازىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 55 كىلومېتىر، كۆلىمى 2125 كۋادرات كىلومېتىر. بازار چېگرىسى شەرقتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيە شىخشۇ يېزىسى غەربىي كۆكيار يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي لوق يېزىسى، زۇڭلاڭ يېزىسى، تېتىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قارا قۇرۇم تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان، پۈتكۈل يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏