چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئوگ ماندىنو 1924-يىلى تۇغۇلغان. ئامېركىلىق يازغۇچى، ئۇنىڭ 18 ئەسىرى 18 خىل تىل تەرجىمە قىلىنغان. سېتىلىش مىقدارى 30 مىلىيون دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب يازغۇچى، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :ئوگ ماندىنو

خەنزۇچە ئىسمى :奥格·曼狄诺

ئىنگىلىسچە ئىسمى :auger Mandinuo

تۇغۇلغان ۋاقتى :1924-يىلى

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

كەسپى :كارخانىچى، ۋە يازغۇچى

ۋاكىللىك ئەسىرى :دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1996-يىلى

شەخسلەر ئانكىتى

ئوگ ماندىنوئوگ ماندىنو 1924-يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىدە بىر پۇقرا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 28 ياشقا كىرگۈچە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇ چاغقىچە ئوقۇغان، خىزمەت تاپقان، ۋە توي قىلغان.

ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن جاھاننىڭ بۇزۇق تەرىپىدىكى تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلىرىنىڭ تەسىىرىدە، ئۆزىنىڭ قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىدىغان نادانلىقىدىن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر يۈرۈش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قىممەتلىك نەرسىلىرىنى-ئائىلىسىنى، ئۆي-ماكانى ۋە خىزمىتىنى يۇقىتىپ قۇيۇپ، قىپيالىڭاچ بىر قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالغان.

 شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ بەرگەن‹‹ئەما››غا ئوخشاش يۇرت-يۇرتلاردا ئاققۇن بولۇپ يۈرۈپ ئۆزىنى ئىزدىگەن، كۈن ئېلىشنىڭ تۈرلۈك سۇئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىگەن.

 ئىككى يىلدىن كېيىن، بىر كۈنى چېركاۋغا ئىبادەتكە بېرىپ ھۆرمەتلىك بىر پوپ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان، پوپ ئۇنىڭ تاتارغان چىراي ۋە غەم بېسىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان.

ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق سۆزلىشىپ، ئۇ ئوتتۇرغا قويغان كىشىلىك ھاياتنى خاراب قىلىدىغان بىر مۇنچە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن.ئۇ پوپ بىلەن خوشلاشقاندا پوپ ئۇنىڭغا ‹‹ئىنجىل شېرىپ››بىلەن 11 پارچە كىتابنىڭ نامى يېزىلغان بىر تىزىملىكنى ھەدىيە قىلغان.

ئۇ كىتابلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:‹‹ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ››،‹‹ياقۇتلۇق زېمىن››،‹‹تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئادەم››‹‹ئۆزىگە مۇسابىقە››،‹‹فىرانكلىننىڭ تەرجىمھالى››،‹‹ئۇتۇققا يېتىپ بېرىشنىڭ مەنىۋى ئامىلى››،‹‹تەپەككۇر ۋە بايلىق ››،‹‹مەغلۇبىيەتتىن ئۇتۇققا ئۆتۈشنىڭ تىجارەت تەجرىبىسى››،‹‹سۆيگۈ قۇدرىتى ››،‹‹ئېتقاد قۇدرىتى››.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏