چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چوڭكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چەرچەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەھەر بىلەن تۇتىشىدىغان يېزا، شىمالىي تەرىپى ناھىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبىي بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 2-شى قۇرۇلۇش تارماق ئەترىتى بىلەن قوشنا، شەرقىي پاسىلى چەرچەن دەرياسى ۋە ئارال يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربى ئىنقىلابىي چوڭ ئۆستىڭى ئارقىلىق توغراقلىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ يېزىنى 315-دۆلەت يولى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چوڭكۆل يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :琼库勒乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :44 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :5487 ئادەم

تونۇشتۇرۇلىشى 

10پارچەچوڭكۆل يېزىسىچوڭكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى قارمىقىدىكى بىر يېزا. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر، ناھىيە تەۋەسىدە تەخمىنەن 1300 يىل بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى لەلىلىك قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

بۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، قاتنىشى قولاي، سۇچىلىق، توك قاتارلىق ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، بىر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى، ئالاھىدە چارۋىچىلىق، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ۋە 2-، 3-كەسىپلەرنى تىپىك شەھەر ئەتراپى يېزىسىدا تەرەققىي قىلدۇرغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏