چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىخشۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدە غەربىي جەنۇب ۋە جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي گۇما ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قاراقۇرۇم تاغلىرى بىلەن كەشمىر (ھىندىستان، پاكىستان ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىي تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىخشۇ يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :西合休乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى

يەر مەيدانى :13 مىڭ 900 كۋادىرات كىلومېتىر

نوپۇسى :4828 ئادەم

تېلېفون رايون نۇمۇرى :0998

ماشىنا كودى :新Q

ئومۇمىي ئەھۋالى

10پارچەشىخشۇ يېزىسىشىخشۇ يېزىسى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 176 كىلومېتىر، يېزا تەۋەلىكىدىكى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر، يېزىنىڭ جەنۇبى تاغلىق رايونلىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3500 مېتر، تېرامكەڭرى چوققىسى ئېگىزلىكى 7464 مېتىر، يەكەن دەرياسى ۋە جەنۇبى قاراقۇرۇم تاغلىرى، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى، چوققا، كۆپ ساندىكى تاغ چوققىسى يىل بويى قار ياكى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان، كۆپ قىسىم جايلىرىدا تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ، ئىمما دەرياسى قىرغاقلىرىدا ئاز مىقداردا يۇلغۇن قاتارلىقلار ئۆسكەن بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى، تەبىئىي ئورمان ۋە يايلاق بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏