چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى 1991-يىلى مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 4-نۆۋەتلىك كېڭىشى 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1994-يىلى، 1997-يىلى ۋە 2009-يىلى 11-ئايدا بۇ مىزانغا ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى

خەنزۇچە نامى :中国新闻工作者职业道德准则

ئاساسىي ئۇقۇم 

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

جۇڭگونىڭ ئاخبارات ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاخباراتچىلار ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، خەلققە خىزمەت قىلىپ، ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى ئارقىلىق ئاخبارات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئاخبارات كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشۇپ، راستچىل ۋە ئادىل، پاك-دۇرۇس بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىيدا قەتئىي، كەسىپتە پىشقان، ئىنتىزامدا چىڭ، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشى كېرەك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏