ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئويماق يېزىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :窝依莫克乡

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :يېزا

تەۋە رايون :بۇرچىن ناھىيەسى

يەر مەيدانى :3080 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :16875 ئادەم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئويماق يېزىسىئويماق يېزىسى بۇرچىن ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، غەربىي تەرىپى قابا ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شىمالىي چوڭقۇر يېزىسى، جەنۇبىي ئېگىزتۆپە يېزىسى، شەرقىي دۇۋلايتى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 42-12 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر. يەر تۈزۈلۈشى ئويمان، ئېگىز-پەس، ئېدىرلىق، ئومۇمىي كۆلىمى 3080 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ناھىيە بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 520 مېتىر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏