چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇشلار دۇنياسىدىكى «خاپان باش» توغرىسىدا سۆز بولۇنغاندا، كىت باشلىق لەيلەكنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ بەدىنى ئىنتايىن بەستىلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر، ئېغىرلىقى 4 كىلوگرامدىن 7 كىلوگرامغىچە بولىدۇ. لەيلەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ قۇشنىڭ ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى 2.6 مېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كىت باشلىق لەيلەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鲸头鹳

ئىنگلىزچە نامى :Shoebill, Whale-headed Stork

تارقالغان رايونلار :ئوتتۇرا ئافرىقا ، كونگو، تانزانىيە قاتارلىق رايونلار

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :لەيلەكسىمانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :كىت باشلىق لەيلەك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كىت باشلىق لەيلەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :كىت باشلىق لەيلەك

باشقا ئاتىلىشى :كىت باش لەيلەك

سىرتقى شەكىلى

6پارچەكىت باشلىق لەيلەككىت باشلىق لەيلەكنىڭ ئاق لەيلەكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان غايەت زور چوڭلۇقتىكى بېشى بار. كىت باشلىق لەيلەكنىڭ چىرايى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئوماق يۈزى ۋە «خاپان بېشى» ئۇنى تېخىمۇ ھەجۋىي كۆرسىتىدۇ. كىت باش لەيلەكنىڭ تۇمشۇقى ھەم يوغان ھەم بەستىلىك بولۇپ، تۇمشۇقىنىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تۇمشۇق ئۇچى تۆۋەنگە ئېگلىپ ئىلمەك شەكىلنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ ئۆتكۈر ئۇچلۇق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى تىمساھنىڭ قېلىن تېرىسنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. كىت باشلىق لەيلەكنىڭ تۇمشۇقى خۇددى ئامبۇر بىلەن قىسىپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدۇ.

كىت باشلىق لەيلەك يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاياغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بۇنداق غەلىتە ئىسمىنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاياغ ياسىيالىغانلىقىدىن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئاياغنى كەشىپ قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۇمشۇقى بىر ئاياغقىلا ئوخشايدۇ. كىت باشلىق لەيلەك تىمساھقا «ھۇجۇم» قىلىپلا قالماي، يەنە سۇ تاشپاقىسى، ھەتتا تاشپاقا قېپىنىمۇ بىمالال يۇتىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى شۇنچىلىك يۇقىرى، بىراق چەكچىيىپ قارىغاندىكى ھالىتى ئادەمنى سەل قورقىتىدۇ. بارلىق پەيلىرى كۈلرەڭ، دۈمبە قىسمى يېشىل، پارقىراق، قۇيرۇقى قىسقىراق، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدە  قىسقا پۆپۈكى بار. سىرتقى شەكلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ناھايىتى يوغان بېشى ۋە قېلىن ھەم يوغان ئېغىزى بار. ئۇنىڭ ئېغىزى قارىماققا ناھايىتى ئېغىردەك كۆرىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يېنىك. ئەركىكى بىلەن چىشسىنىڭ پەيلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت بەدەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق بار، چىشى قۇش سەل كىچىك. ياش قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى قوڭۇر رەڭدە بۇلىدۇ، دۈمبە قىسمى يېشىل، پارقىراق. قۇش تۇمشۇقىنىڭ رەڭگى سارغۇچ يېشىل، پۇتى قارا.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏