چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇنيا راك كېسىلى كۈنى خەلقئارا راكقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ 2000-يىلى تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، پائالىيەت ۋاقتىنى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق راك كېسەللىكى تەتقىقاتىنى تېزلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلگىرىلەش زور بولغان، بۇ بىر كۈن ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلى بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلەرنى ھەل قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيا راك كېسىلى كۈنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :世界癌症日

تارقالغان رايونلار :پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقالغان.

ۋاقتى :2-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئېنگىلىزچە نامى :World Cancer Day

بايرام تىپى :بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق كۈنى

بايرامنىڭ ئەھمىيىتى :راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلى بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

كىلىپ چىقىشى

23پارچەراك كېسىلى كۈنىخەلقئارا راكقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يەر شارىدىكى راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، 2000-يىلى پارىژدا دۇنيا بويىچە ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىلغان، بۇ يىغىندا پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئۆسمە تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلىشنى قارار قىلغان، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، تېخىمۇ كۆپىگەن كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ھەمدە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا «پارىژ راكقا قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» ئىمزالىغان، بۇ نىزامنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىنغان. پۈتۈن دۇنيا دائىرسى ئىچىدە ماس قەدەمدە ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ يېڭى بايقاشلارنى ھاسىل قىلىشقا تىرشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏