چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى بولۇپ «دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتى تەرپىدىن تەسىس قىلنغان.
ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى :世界社会公正日
بايرام تىپى :خەلقئارالىق بايرام
مىلادىيە ۋاقتى :2-ئاينىڭ 20-كۈنى
قۇرۇلغان ۋاقتى :2007-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
مەنبە ۋاقتى :2009-يىلى
بايرام ئەھمىيىتى :خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
13پارچەدۇنيا ئادىللىق كۈنىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 10-،62- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ماقۇللاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : يەنىمۇ تىرىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھەممە ئادەمنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئادىلىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 1995-يىلى چاقىرىلغان ب د ت ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەسىلىسى دۇنيا باش يىغىنى ۋە بىرلەشمە چوڭ ئالاقىدار يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان نىشان ۋە دۆلەت قاتلىمىدا جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن قانات يايدۇرغان، شۇڭا 2009-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 20 -كۈنى دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى يەنىمۇ تىرشىپ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى