چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭغار قۇلىنى تاق (توم) تۇياقلىقلار ئەترىتى، ئات ئائىلىسىگە تەۋە. باشقا ئاتىلىشى: قۇلان، ياۋا ئېشەك. دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭغار قۇلىنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :准嘎尔沙野驴

تارقالغان رايونلار :ئاراتۈرۈك، بارىكۆل، مورى، گۇچۇڭ ۋە شىمالىي جۇڭغار ئويمانلىقى

سىنىپى :تاق (توم) تۇياقلىقلار ئەترىتى

ئائىلىسى :ئات

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى

جۇڭغار قۇلىنىجۇڭغار قۇلىنى قارىماققا كۆرۈنۈشى ئېشەككە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئېشەكتىن چوڭ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 200 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.6–2 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 سانتىمېتىر، قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بېشى يوغان، قۇلىقى ئۇزۇن بولۇپ، قۇلىقىنىڭ چۆرىسى قارا، ئۇچى ئاق بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇستى قىسمى سارغۇچ قوڭۇر، ئاستى قىسمى ئاقۇچ بولىدۇ. قۇيرۇقى ئادەتتىكى ئېشەكلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن ھەم سەل ئىنچىكە، قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى قىسقا، ئاستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. يەنى، قۇيرۇقىنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. پۇتلىرى سەل ئىنچىكە ھەم ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئالدى پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەنجۈر قېقىدەك ياپىلاق كەلگەن قارا رەڭلىك قاداق تەنچىسى بولىدۇ. ئالدى پۇتىنىڭ تۇياقلىرى دۈگىلەك، كەينى پۇتىنىڭ تۇياقلىرى ئالدى پۇتىنىڭ تۇيىقىغا قارىغاندا سەل تار ھەم ئۇزۇنچاق بولىدۇ. تۇمشۇقى ئاق، تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈكلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ. مۈرىسىدىن قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىغىچە ناھايىتى روشەن قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك دۈمبە ئومۇرتقا سىزىقى بولىدۇ. ساغرا قىسمىدىكى بۇ سىزىقچە سەل كەڭرەك بولىدۇ. تۇيىقى ئۇستىدىكى شاقىلداقلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى سۇس قوڭۇر رەڭدە، قۇيرۇقىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ئۇزۇن تۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. يايلىسى قىسقا ھەم تىك بولۇپ، قارا رەڭدە بولىدۇ. قىشلىق يۇڭى بىلەن يازلىق يۇڭى پەرقلىنىدۇ. يازلىق يۇڭى سۇسراق، قىشلىق يۇڭى قېنىقراق بولىدۇ. جۇڭغار قۇلىنى پەقەت بىر خىل رەڭدە بولىدۇ، ئۆي ئېشەكلىرىگە ئوخشاش ھەر خىل رەڭدە بولمايدۇ. كەڭ دالىدا يىراقتىن قارىغاندا ئۇ ياۋا ئاتقا سەل ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر خاتا ھالدا ياۋا ئات دەپ ئوۋلاپ گۆشىنى يەيدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏