چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تىبەت قۇلىنى تاق (توم ) تۇياقلىقلار ئەترىتى، ئات ئائىلىسىگە تەۋە، باشقا ئاتىلىشى: قۇلان، ياۋا ئېشەك. دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تىبەت قۇلىنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :臧野驴

تارقالغان رايونلار :كوئىنلۇن تېغى،ئالتۇنتاغ رايونى

سىنىپى :تۇياقلىقلار ئەترىتى

ئائىلىسى :ئات

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى

تىبەت قۇلىنى تىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى قانداش تۈرلەردۇر. تىبەت قۇلىنىنىڭ بېشى قىسقا، كەڭرەك بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بېشىدىن سەل چوڭ كۆرۈنىدۇ. قۇلىقى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇچى سەل ئۇچلۇق بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنى سېلىشتۇرغاندا، تىبەت قۇلىنى جۇڭغار قۇلىنىدىن سەل چوڭراق، قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. رەڭگى جەھەتتىن تىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى روشەن پەرقلىنىدۇ. يايلى قىسقا ھەم تىك بولۇپ، تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىدا ئۇزۇن قىل تۈكلىرى بولمايدۇ. قۇيرۇقىنىڭ 1/3 قىسمىدا ئۇزۇن ھەم يىرىك قىل تۈكلەر بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. ئالدى ئىككى تۇيىقى يۇمىلاق، كەينى ئىككى تۇيىقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سەل ئېگىز بولىدۇ. ئالدى ئىككى پاقالچىقىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ياپىلاق ھالەتتىكى قاتتىق قاداق تەڭگىچىسى بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۈستى قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، تېنىنىڭ ئاستى، تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. دۈمبە قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى ناھايىتى روشەن پەرق قىلىدۇ. مۈرىسىدىن قۇيرۇقىغىچە قارا رەڭلىك ئۇزۇن ئوتتۇرا بۆلگۈچ سىزىقى (بەل ئومۇرتقا سىزىقى) بولۇپ، بۇ سىزىق جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بەل ئومۇرتقا سىزىقىدىن سەل كەڭرەك بولىدۇ. تۇمشۇقى ئاق، كۆزى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلىقىنىڭ ئۇچى ۋە چۆرىسىدىكى تۈكلىرى قارا رەڭدە، ئىچىدىكى تۈكلىرى قېنىق ئاق رەڭدە بولىدۇ. تۆت پۇتىنىڭ تاشقى قىسمىنىڭ رەڭگى دۈمبىسىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن دۈمبىسىنىڭكىدىن سەل سۇسراق بولىدۇ. تۈكنىڭ قويۇقلۇقى جەھەتتە تىبەت قۇلىنىنىڭ تۈكى جۇڭغار قۇلىنىنىڭ تۈكىدىن قويۇق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏