چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ساچىر خانىم 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى لىنكولىننىڭ گىرانزىم دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئىسمى ماگرىت خىردا روبىرتىس. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر باكالاۋرى، ئىجتىمائىي پەن ماگىستىرى. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ساچىر خانىم

خەنزۇچە ئاتىلىشى :玛格丽特·希尔达·撒切尔

باشقا نامى :ماگرىت خىردا روبىرتىس

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگىلىيە

يۇرتى :گىرانزىم

تۇغۇلغان ۋاقتى :1925-يىلى10-ئاينىڭ 13-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

قان تىپى :O

كەسپى :سىياسىيون

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Margaret Hilda Thatcher

ئەسىرى :«ھوقۇق يولى»، «دوۋننىگ كوچىسى تۇتىشىدىغان يىللار»

شەخس ئانكىتى 

4پارچەساچىر خانىمساچىر خانىم ئەنگىلىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى لىنكولىننىڭ گىرانزىم دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئىسمى ماگرىت خىردا روبىرتىس. دادىسىنىڭ ئىسمى ئالبېرت روبىرتىس. دادىسى شەھەر ئىچىدىكى تۈرلۈك ماللار ماگزىنىنىڭ خوجايىنى ھەمدە يەرلىك سىياسەتلەرگە قىزغىن ئادەم بولۇپ شەھەر مەمۇرىيتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم ئادەتتىكى دىن تارقاتقۇچى بولغان. ئۇ 1945-1946-يىللىرى گىرانزىمنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ«مۇتەسسىپ لېبىرالىست»بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمەت ئەنئەنىسدە ئىزچىل لېبرالىستلار پارتىيەسىگە بىلەت تاشلاپ كەلگەن. بىراق ئالبېرت بۈگۈنكى لېبرالىستلار پارتىيەسى «كوللىكتىۋىزم»نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان دەپ قارىغاچقا، لېبرالىستلارغا بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپلارنى لېبرالىستلارغا ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە 1935-يىلى كونسېرۋارتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ۋېكتور ۋاررىفىدىرنىڭ سايلامدا يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن. 1952-يىلى 5-ئايدا گىرانزمنىڭ يەرلىك پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ئىشچىلار پارتىيەسى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇ تەبىئىيلا شەھەر مەمۇرىيىتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالغان. ساچىر خانىمنىڭ ئانىسى بەترىيىس روبېرت فامىلىسى سىتفىنسون بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە مورېل ئىسملىك بىر سىڭلىسى بار. ساچىر خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋەسلەي مەزھىبى مۇرىتلىرىدىن.

ساچىر خانىمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ كەستۋىن گىراماتېكا قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1944-يىلى ئوكىسفورد ئونۋېرسىتېتى سومىرۋىيىل ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن خىمىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1946-يىلى ئوكىسفورد ئونۋېرسىتېتى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى جەمئىيتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، بۇ ئورۇندا ئولتۇرغان ئۈچىنچى قىز بولۇپ قالغان. ساچىر خانىم ئىككىنچى دەرىجىلىك شەرەپ بىلەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئەنگىلىيەدە سېللوئىدنى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچى دورىگەر بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە J.Lyons and co شىركىتىدە ماروژنى ساقلاشنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. 

ساچىر خانىم ئەنگىلىيە سىياسىيونى. 1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. سالىسبۇرىدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن ھەم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يىلىۋىرپولدىن كېيىنكى ۋەزىپىنى ئۈزۈكسىز، ئەڭ ئۇزۇن ئۆتىگەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال ۋەزىر ھەم سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە رەھبىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئايال. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىيونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە يىرگىنىشىگە ئۇچرىغان شەخس.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏