چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇغا (ئىلمىي نامى: Cervus elaphus) قانداغاينىڭ چوڭ تىپىدىكى بۇغا، جەمئىي 10 كەنجى تۈرى بار، چۈنكى تەن شەكلى تۇلپار» دەپ ئاتالغان، تېنى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، دۈمبىسنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ بەزى جايلىرى ئاق رەڭلىك داغلىرى بار. ئەركىگىنىڭ مۈڭگۈزى بار، ئادەتتە ئالتە ئاچىماق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 دانە ئاچمىقى بار. يازلىق تۈكى بىرقەدەر قىسقا، تىۋىتى يوق، ئادەتتە بېغىررەڭ، ئارقا تەرىپى بىر قەدەر چوڭقۇر، قورسىقى تېيىز، شۇڭا «قىزىل بۇغا» دېگەن نامىمۇ بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۇغا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :马鹿

ئىنگلىزچە نامى :Bactrian Red Deer

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :بۇغا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بۇغا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :بۇغا

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :ھەقىقىي بۇغا كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :10 خىل

لاتىنچە نامى :Cervus elaphus

باشقا نامى :ياۋروپا بۇغىسى، سەككىز ئاچا بۇغا، سېرىق قۇيرۇق قىزىل بۇغا، قىزىل بۇغا تايغان بۇغا

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

18پارچەبۇغابۇغا (ئىلمىي نامى: Cervus elaphus) قانداغاينىڭ چوڭ تىپىدىكى بۇغا، جەمئىي 10 كەنجى تۈرى بار، چۈنكى تەن شەكلى تۇلپار» دەپ ئاتالغان، تېنى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، دۈمبىسنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ بەزى جايلىرى ئاق رەڭلىك داغلىرى بار. ئەركىگىنىڭ مۈڭگۈزى بار، ئادەتتە ئالتە ئاچىماق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 دانە ئاچمىقى بار. يازلىق تۈكى بىرقەدەر قىسقا، تىۋىتى يوق، ئادەتتە بېغىررەڭ، ئارقا تەرىپى بىر قەدەر چوڭقۇر، قورسىقى تېيىز، شۇڭا «قىزىل بۇغا» دېگەن نامىمۇ بار.

بۇغا ئېگىز تاغ ئورمان ياكى ئوتلاق رايونلىرىدا ياشايدۇ. توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ياز پەسلىدە كۆپىنچە كېچىسى ۋە سەھەردە ھەرىكەت قىلىدۇ، قىش پەسلىدە كۆپىنچە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ. يۈگۈرۈش ۋە سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. تۈرلۈك ئوت-چۆپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى، يۇمران چىۋىقلار، دەرەخ قوۋزىقى ۋە مېۋىسى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. 9-10-ئايلاردا كۈيلەيدۇ، قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلى 8 ئاي، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن شىمالىي ئافرىقا قاتارلاق رايونلارغا تارقالغان.

(ئەسكەرتىش: 2005-يىلى، ئالىملار DNA ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ياۋروپا بۇغىسى تەۋە بولغان كەنجى تۈرى ____ كانادا بۇغىسى ئايرىم مۇستەقىل بىر تۈر قىلغان.)

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏