چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى (World Day) بولسا دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى بېكىتكەن كۈن، 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر يىلى بىر قبتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنجى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى بۇلدىكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :世界心脏日

تارقالغان رايونلار :دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان

ۋاقتى :ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يەكشەنبە كۈنى

ئېنگىلىزچە نامى :World Heart Day

بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى :يۈرەك كېسىلى

بايرامدىكى پائالىيەت :يۈرەك بىلىملىرى تەشۋىقاتى

بايرامنىڭ ئەھمىيىتى :ئاممىغا ساغلام بولغان يۈرەك ئاتا قىلىش

ئاپپارات تەسىس قىلىش :دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى

بېكىتىلگەن ۋاقتى :2000-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى

كىلىپ-چىقىشى

 بۇ كۈننى بېكتىشنىڭ مەقسىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات بىلىمى تارقىتىش، ھەمدە جامائەتچىلىككە ھاياتلىق ۋە ساغلام بولغان يۈرەك ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت. يۈرەك كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ساغلاملىقىنىڭ قاتىلى، كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقى ھەر يىلى بىر قېتىم «دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن.

2010-يىلى

بىز 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10-قېتىملىق «دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» نى كۈتۋالدۇق. شۇ يىلى«دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، گوڭ تىڭشيەن ۋارىسى گۇڭ خۇڭخەي دوكتۇر كەلگەن، داچىڭ نېفىتلىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ نېفىت ئىشچىلىرى قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، كۆپچىلىكنى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنى ئاسراشقا چاقىرىق قىلغان.بۈگۈن 2010-يىللىق دۇنيا يۈرەك كېسىلى كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «مەن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمەن» دىگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان. دۇنيا يۈرەك ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەرلىشچە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 25 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە، ھەر ئۈچ ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلدىكەن. ھەر يىلى 1720 دىن ئارتۇق ئادەم ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ قالدىكەن.

2011-يىلى

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ 11-يىلى بولغان، 2011-يىلىقى يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش». 2010-يىللىق باش تېمىسى «مەن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمەن دېگەن تېما بۇلۇپ» بۇ ئاساسىي تېمىنى گۇڭ خۇڭخەي دوكتور بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈش ئىلمىي سۆھبەت يىغىندا ئوتتۇرغا قويغان، بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ساغلاملىققىغا كۆڭۈل بۈلۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

2012يىلى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ 12-قېتىملىق كۈنى بۇلۇپ، گوڭ تىڭشيەن ۋارىسى گۇڭ خۇڭخەي دوكتور بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە كەلگەن، 2012-يىلى ساناتورىيەدىكى ياشانغان كىشىلەرگە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى، ساغلام بەدەن شەكلى ئادەتتە قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالىتى ئاستىدا ئىنتايىن ئاسان يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىدىغانلىقىنى  سۆزلەپ بەرگەن، گۇڭ خۇڭخەي دوكتور مۇنداق دېگەن : مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئالالايدۇ. بەزى كۆكتاتلارنى،مېۋە قاتارلىقلارنى يېيىش، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كىرەك، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.

2013-يىلى

2013-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى دۇنيا يۈرەك ئاسرا كۈنىنىڭ 13-قېتىملىقى، يۈرەك كېسىلى بارغانسېرى ياشلارغا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان، نۇرغۇن ياشلارنىڭ دەم ئېلىشى قانۇنىيەتلىك ئەمەس، داۋاملىق تۈنەش، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش، ئولتۇرۇش قاتارلىقلار دەل يۈرۈك كېسىلى كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق  ئوزۇقلىنىپ، تاماق يېيىش ئادىتىگە دىققەت قىلىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك. دائىم مۇۋاپىق بولغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن : تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىقلار. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 30 مىنۇت تېز مېڭىپ بەرگەندە يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى%18 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن. 

2014-يىلى

2014-يىلىدىكى دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ساغلام مۇھىت، ساغلام يۈرەك». ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا يۈرەك ئاسراش كۈنىدە ساغلام بولغان ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏