چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ، 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنىنى دۇنيا بۆرەك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دۇنيا بۆرەك ئاسراش كۈنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :世界肾脏日

تارقالغان رايونلار :دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان

باشقا نامى :دۇنيا بۆرەك كۈنى

ۋاقتى :ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنى

ئېنگىلىزچە نامى :World Kidney Day

تەسىس قىلىش ئاپپاراتى :ISN和IFKF

ئارقا كۆرۈنۈشى

16پارچەبۆرەك ئاسراش كۈنىنۆۋەتتە يەر شارىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، ئەمما پۇقرالاردا مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل، خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ، 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنىنى دۇنيا بۆرەك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، مەقسەت كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىگە قارىتا تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىر قۇرامىغا يەتكەن ساغلام ئادەمنىڭ بۆرىكى ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 لىتىر قان سۈزۈش ۋە تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ. مېتابولىزم ماددىلىرى ئارقىلىق مېنىرال ماددىلارنى سۈزىدۇ ھەمدە سۇ قوشۇپ ئۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۆرەك مىنېرال ماددىلار ۋە قاننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى بىر مۇقىم ھالەتتە ساقلاپ قېلىشتىن باشقا يەنە بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قان بېسىمىنى كونترول قىلىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىش، سۆڭەك ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى بىرلەشمىسى ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بۆرەك كېسىلنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش، بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇراجەت قىلغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏