چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چىلبۆرە، باشقىچە يەنە چىلبۆرە ئىتى ياكى ئاسىيا چىلبۆرە ئاپشاركىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىر چىلبۆرە سانى 5000 گىمۇ يەتمەيدۇ. بەزى كىتاب، تورلاردا ئۇنىڭ ئىسمى «قىزىل بۆرە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، بۇ بىر خاتا ئېلىنغان تەرجىمە بولغان. قىزىل بۆرە ئىت ئۇرۇقدىشىدىكى باشقا بىر تۈرلۈك ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چىلبۆرە

خەنزۇچە ئاتىلىشى :豺狗

تارقالغان رايونلار :ئاسىيا قىتئەسى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئىت ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :چىلبۆرە ئۇرۇقدىشى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :ئىت كەنجى ئائىلىسى

كەنجى ئۇرۇقدىشى :چىلبۆرە كەنجى ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Cuon alpinus

سىرتىقى شەكلى 

چىلبۆرىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 110 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 18 كىلوگىرام كېلىدۇ. چىلبۆرە سىرتقى شەكلى ئىت بىلەن بۆرىگە يېقىن، تېنى بۆرىدىن كىچىك، بەدەن تۈكلىرى قىزغۇچ قوڭۇر ياكى كۈل رەڭلىك، ئاز مىقداردا ئۇچلۇق ئارىلاش قارا قوڭۇر رەڭلىك تۈكلىرى بولىدۇ. تېنىدىكى تۈكلەر قىسقىراق، قۇيرۇقى سەل ئۇزۇن، قۇيرۇقى توم يوغان، قۇيرۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏