چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاھۇ ئاچا تۇياقلىقلار، كالا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاھۇ ئۇرۇقدىشى (Gazelle) بۆكەن كەنجى ئائىلىسىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ئاھۇنىڭ ئىككى كۆزى ئالاھىدە چوڭ، كۆز ئالمىسى سىرتقا بۆرتۈپ چىققان، ئاھۇ ئىنتايىن سەزگۈر ھايۋان؛

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاھۇ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :瞪羚

تارقالغان رايونلار :ئافرىقا قىتئەسى، ئاسىيا قىتئەسى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاھۇ ئۇرۇقدىشى (بۆكەن ئۇرۇقدىشى)

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :بۆكەن كەنجى ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Gazella

سىرتقى شەكىلى

23پارچەئاھۇتومپسون ئاھۇسى (Gazelle thomsonii)، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 60-80 سانتىمېتىر، رەڭگى قوڭۇر رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە بىر تال قارا سىزىق بار. ئەركەك ئاھۇنىڭ مۈڭگۈز بۇلۇڭى ھەم ئۇزۇن، ھەم ئەگرى. ئاھۇ چۆچۈپ كەتكەن چاغدا ئالدىغا بىمالال قېچىپ كېتەلەيدۇ، ئاندىن تۇيۇقسىز ناھايىتى ئىگىز سەكرەيدۇ. بۇ خىل ئاھۇنىڭ ھەركىتى ئامېرونگېن.زاھاۋېي تەتقىق قىلغاندا بايقىغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏