چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۈشۇ شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يۈشۇ شەھىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :玉树市

دۆلىتى :جۇڭگۇ

ئۆلكىسى :چىڭخەي ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر

تەۋە رايون :چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ئوبلاستى

يەر مەيدانى :13462 كۋادرات كىلومىتىر

نوپۇسى :تەخمىنەن 100 مىڭ

كىلىماتى :چوڭ قۇرۇقلۇق ئېگىزلىك كىلىماتى

رايون نۇمۇرى :0976

نومۇر تاختىسى :青G

كىملىك نومۇرى :632701

تىلى :زاڭزۇ تىلى

چەتئەلچە نامى :yushu city

جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى

يۈشۇ شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى قارىمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

يۈشۇ شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇب تەرىپىگە،چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرىق تەرىپىگە، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان.

شەرقىي جەنۇبى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي جەنۇبتا ناڭچيەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەرىپ تەرىپى

 زادو ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى جىدو ناھىيەسى بىلەن چېگرا، شىمالىي ۋە شەرقىي شىمال بىلەن چۈمالەي، چىندۇ 

ناھىيەسى ۋەسىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربتە شەرقىي ئۇزۇنلۇقى ''40'41°95، شەرقتە شەرقىي ئۇزۇنلۇقى  ''34'44°97، پەرقى ''54'02°2، جەنۇب شىمالىي كەڭلىكى ''44'44°33، شىمالى شىمالىي كەڭلىكى ''44'46°33، كەڭلىك پەرقى  ''10'01°1، شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلىقى 189.5 كىلىومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە 194.3 كىلومىتىركىلىدۇ.

يۈشۇشەھىرى

 كوچا باشقارمىسى يېزا بازار
 خوڭگۇ كوچا باشقارمىسى جوڭدا يېزىسى لوڭباو بازىرى
 شىخاڭ كوچا باشقارمىسى باتاڭ يېزىسى شىيالاشىيۇ بازىرى
 زاشىكې كوچا باشقارمىسى شىياۋسۇماڭ يېزىسى 
 شىنسەي كوچا باشقارمىسى شاڭلاشىيۇ يېزىسى 
  ئەنجۇڭ يېزىسى 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏