چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بالا تۈرلەرنىڭ بىرى. ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى ئائىلىنى جەمئىيەتتىكى بىر ئاپپارات ۋە ئىجىتمائىيلىشىش (ياشاشنى ئۈگىنىش ۋە ماسلىشىش) جەريانىدىكى بىر ۋاستە سۈپىتىدە كۆرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى

خەنزۇچە نامى :家庭社会学

چەتئەلچە نامى :sociology of family

چۈشەندۈرۈلىشى 

4پارچەئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقىئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بالا تۈرلەرنىڭ بىرى. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنغىلى خىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ تەرەققى قىلىشى يىقىنقى نەچچە ئون يىل دىيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىق پەن بۇلۇپ شەكىللەنگەندە كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك بۆلگەن، ئائىلە قاتارلىق مىكرو قىسىملارنى تەتقىق قىلىش ئانچە يىتەرلىك بولمىغان.

بەلكىم بىزدە كۆپىنچە كىشىلەر مورگاننىڭ ”قەدىمقى جەمئىيەت“ قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بۇلىشى مۇمكىن. بىزدە يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ”ئائىلە“ ناملىق كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابلارغا قارايدىغان بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئائىلە شەكىللىرى، فونكىسيەسى قاتارلىق تەپىسلىي تونۇشتۇرۇلغان. بۇ كىتابلاردا ئائىلىنىڭ كۆپ خۇتۇنلۇق، كۆپ ئەرلىك، ئانا ئورۇقداشلىق، ئاتا ئورۇقداشلىق… قاتارلىق نورغۇنلىغان ئىپتىدائىي شەكىللەردىن بۈگۈنكى كۈندىكى بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان جەمئىيەتكىچە بولغان تەدىرىجىي تەرەققىيات تەپەككۇرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى ئائىلىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، دەپ قاراش دارۋىننىڭ ”تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى“ ناملىق ئەسىرىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسى بۇيىچە ئىنسانىيەتنىڭ تۈۋەن باسقۇچتىن يۇقىرىغا باسقۇچقا تەرەققى قىلىپ چىقىشىدەك ”تەدىرىجى تەرەققىيات“ نەزىرىيەسىنى يىتەكچى ئىدىيە قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە پەن دۇنياسىدا تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسىنىڭ بەزى قاراشلىرى مىتود سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەدرىجى تەرەققىيات تەپەككۇر ئەندىزىسى ئاللىقاچان مودىلىقىدىن قالدى. شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ھايۋان شەكىلدە ياشىغانلىقى، كۆپ ئەر كۆپ خۇتۇنلۇق، بىر ئەر كۆپ خۇتۇنلۇق ۋە بىر ئايال كۆپ ئەرلىك ئائىلە بولۇش قاتارلىق ئائىلە ۋە قانداشلىق ئەندىزىسى بۈگۈنكى كۈندە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغان بولدى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏