چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۆكەن ئاساسلىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە، باش، بىلەك، قورساق قىسمى ھەم تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭدە، بوينىدا بىر ئاق چېكىت بار. تېنى قاۋۇل، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدىغان پۇتى بار، پۇتىدا تۆت بارمىقى بار بولۇپ يان بارمىقى بۇغا تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چېكىنىپ كەتكەن، يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بۆكەن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鹿瞪羚

ئىنگلىزچە نامى :Dama Gazelle، Addra Gazelle

تارقالغان رايونلار :چاد، مالى، نىگېر

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :Nanger

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاھۇ

تۈرى :بۆكەن

لاتىنچە نامى :Nanger dama

باشقا نامى :بۇغا بۆكەن، ئافرىقا ئاق بۆكىنى

خەنزۇچە باشقا نامى :鹿羚،苍羚

ئەترىتى :ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى

كەنجى ئائىلىسى :بۆكەنلەر كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :ئۈچ خىل

نام بېرىلگەن ۋاقتى :1766-يىلى

نام بەرگۈچى :Pallas

قوغداش دەرىجىسى :1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان

پىنيىنچە يېزىلىشى :lù dèng líng

خەنزۇچە باشقا نامىنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى :lù líng ،cāng líng

تونۇشتۇرۇلۇشى

18پارچەبۆكەنبۆكەن ئاساسلىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە، لېكىن باش، بىلەك، قورساق قىسمى ھەم تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭدە، بوينىدا بىر ئاق چېكىت بار. تېنى قاۋۇل، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدىغان پۇتى بار، پۇتىدا تۆت بارمىقى بار، لېكىن يان بارمىقى بۇغا تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چېكىنىپ كەتكەن، يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان. ئوت-چۆپ يېيىشكە ماسلاشقان. ئافرىقا سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ئىچىدە ياشايدۇ، قۇرغاقچىلىق پەسلىدە جەنۇبقا كۆچۈپ، يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، يامغۇر پەسلى بولغاندا، شىمال چېگرىسى ئىچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ۋە ماكان بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايغان، پادا سانى تېخىمۇ تار. تارقالغان رايۇننىڭ غەربىي قىسىمدىكى موخولم ئاھۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۆكەن، شەرقىي قىسمدىكى قىزىل بويۇن ئاھۇ ئۈچ كەنجى تۈرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏