چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىپار كىتنىڭ بېشى غايەت زور چوڭ، تۆۋەنكى جاغى بىرقەدەر كىچىك، پەقەت تۆۋەنكى جاغ چىشلىرى بار. ئاساسلىق سىياھ بېلىق يەيدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 50 توننا، تەن شەكلى ئەڭ چوڭ چىشلىق كىت بولۇپ، بېشى پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، سۇغا چۆكۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سۇغا شۇڭغۇشى ئەڭ چوڭقۇر، سۇدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىپار كىت

خەنزۇچە ئاتىلىشى :抹香鲸

ئىنگلىزچە نامى :Sperm Whale ،Spermacet Whale ،Cachelot ،Pot Whale

تارقالغان رايونلار :يەرشارىدىكى پۈتۈن مۇز تۇتماس دېڭىزلار

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كىتلار ئەترىتى

ئائىلىسى :ئىپار كىت ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئىپار كىت ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئىپار كىت

كەنجە تۈركۈمى :چىشلىق كىتلار كەنجە تۈركۈمى

نام بارگۈچى :Linnaeus

نام بېرىلگەن ۋاقتى :1758-يىلى

خەنزۇچە باشقا نامى :巨抹香鲸 ،卡切拉特鲸

لاتىنچە نامى :Physeter macrocephalus

پىنيىنچە يېزىلىشى :mò xiāng jīng

خەنزۇچە باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى :jù mò xiāng jīng، kǎ qiē lā tè jīng

ئۇيغۇرچە باشقا نامى :كاچېرا ئالاھىدە كىتى، فىسېتېر، چوڭ ئىپار كىت

تونۇشتۇرۇلۇشى

ئىپار كىتنىڭ بېشى غايەت زور چوڭ، تۆۋەنكى جاغى بىرقەدەر كىچىك، پەقەت تۆۋەنكى جاغ چىشلىرى بار. ئاساسلىق سىياھ بېلىق يەيدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 50 توننا، تەن شەكلى ئەڭ چوڭ چىشلىق كىت بولۇپ، بېشى پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، سۇغا چۆكۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سۇغا شۇڭغۇشى ئەڭ چوڭقۇر، سۇدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.

26پارچەئىپار كىتبەدەن تىپى خۇددى بېلىقتەك، ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ. بوينى قىسقا، بېشى بىلەن گەۋدىسى ئۆزئارا ئۇلانغان، بويۇن ئومۇرتقىسى قاتقان، بۇرۇن تۆشۈكى پۈركۈش تۆشۈكى قىلىنغان، تۇمشۇقىغا جايلاشقان، ئالدى قولى پالاقچە قىلىنغان، ئالدى بىلىكى چېكىنگەن، ئالقىنى ئۇزىرغان، بارماق سانى كۆپەيگەن، سىرتتىن كۆرگىلى بولىدىغان بارمىقى ۋە تىرنىقى بار، كەينى پۇتى چېكىنگەن، قۇيرۇقى خۇددى بېلىقتەك، گورىزونتال قۇيرۇق پالاقچىسى بولۇپ، قۇيرۇقنى پۇلاڭلىتىشقا تايىنىپ سۇ ئۈزىدۇ.

ئىپار كىتنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسىنىڭ قۇرغاق مەھسۇلاتى «ئەنبەر» دەپ ئاتىلىدۇ، قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى، دەم سىقىلىشنى داۋالاش ئۈچۈن، يەل تەتۈر مېڭىش، سىرداش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىپار كىت يەرشارىدىكى پۈتۈن مۇز تۇتماس دېڭىزغا كەڭ تارقالغان، ئېكۋاتور يۈزىدىن تاكى ئىككى قۇتۇپتىكى مۇز دېڭىزغىچە ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏