چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۆگەت كۈينىس گۈللۈك سۆگەت، مەجنۇنتال سۆگەت قاتارلىقلار ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. سۆگەت ئۇرۇقدىشى كۆپ چاتقال بولۇپ، شالاڭ غوللۇق دەرەخ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۆگەت

خەنزۇچە ئاتىلىشى :柳树

ئىنگلىزچە نامى :willow

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :مالپىگىيە چاتقىلى تۈركۈمى

ئائىلىسى :سۆگەت ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سۆگەت ئۇرۇقدېشى

تۈرى :سۆگەت

كەنجى تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :دىللېنىيە دەرىخى كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈرى :مەجنۇنتال سۆگەت

لاتىنچە نامى :Salix babylonica L.

سىرتقى شەكلى 

4پارچەسۆگەتسۆگەتنىڭ شەكلى ئالاھىدە : دەرەخ ياكى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان ياتما، تىك چاتقال. شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، ئۆزەك يۇمىلاققا يېقىن شەكىلدە بولىدۇ. چوققا بىخلىرى يوق، يان بىخنىڭ ئادەتتە شاخ ئۈستىدە، بىخ تەڭگىچىسى بىرلا خىل. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل، ئادەتتە تار ھەم ئۇزۇن، كۆپ مەزگىلىدە تېمىنسىمان بولىدۇ، يوپۇرمىقى ھەرە چىشى بار ياكى پۈتۈن گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى قىسقا؛ كۆپ ھەرە چىشلىقلىرى بالدۇر تۆكۈلىدۇ؛ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تولۇق گىرۋەكلىك، تۈكلۈك ياكى تۈكى يوق، شاختا چۈشمەي تۇرۇپ خازان بولىدۇ، سۇيۇق بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ؛ ئاتىلىقى 2-1، ئاتىلىق يىپچىسى ئايرىلىپ ئۆسىدۇ؛ ئانىلىقى ئىككى ئۆزەك پوستىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇرۇقدان سېپى يوق ياكى ساپىقى، ئانىلىق تۈۋرۈكى ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان ياكى ئازراق بولىدۇ، تاق بىر ياكى بۆلگۈنچىلىك، ئانىلىق تۇمشۇقى 1-2، بۆلۈنىدۇ ياكى يېرىلمايدۇ. قاپلىق مېۋىسى تىلىم-تىلىم يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقى كىچىك. كۆپ قىسىمى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏